تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭدىكى باھار ئاۋازىغا قۇلاق سېلىڭ

باھارنىڭ ئاۋازى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟

شامالنىڭ گۈللەرنى سىيپاپ ئۆتكەن چاغدىكى مەيىن ئاۋازىمۇ

ياكى قار- مۇزلارنىڭ ئېرىگەن چاغدىكى تىم - تىم قىلغان ئاۋازىمۇ

……

باھارنىڭ ئاۋازى

بارلىق شەيئىلەرنىڭ جانلىنىش سىمفونىيەسى

  ھاياتىي كۈچكە تولغان گۈزەل مەنزىرە

قېنى ھەممىمىز شىنجاڭدىكى باھار ئاۋازىغا

بىرلىكتە قۇلاق سالايلى!

تىيانشاندىكى جىلغىلار ئارىسىدا

مۇزلارنىڭ يېرىلغاندىكى تارسىلدىغان جاراڭلىق ئاۋازى

قار سۇلىرىنىڭ قىيا تاشنى بويلاپ ئېقىپ چۈشكەن ئاۋازى 

 سانسىز ئېقىنلارنىڭ توختىماي شىلدىرلاپ ئاققان ئاۋازى

قىشلىق ئۇيقۇدا ياتقان تاشلارنى چېكىپ ئويغاتتى

باھاردىكى تۇنجى مەيدان

ئەكس ساداغا تولغان كونسېرت تەبىئەت قوينىدا ياڭرىدى 

باھار شامىلى يەڭگىل سىپاپ ئۆتكەندە

كۆل يۈزىدە قاتمۇقات دولقۇنلار كۆتۈرۈلدى

ئۇ كۆل سۈيى بىلەن باھار شامىلىنىڭ شېرىن سۆھبىتى

شۇنداقلا كەڭ تەبىئەتكە تەۋە جانلىق مىلودىيەدۇر

قارلارنىڭ ئېرىپ شىر-شىر ئاققان ئاۋازىغا جور بولۇپ

سۇس سۆسۈن رەڭلىك غۇنچىلار  مۇز يېرىپ ئېچىلدى

 ھەر بىر تال بەرگىدە ئۇششاق مۇز كىرىستاللىرى ساڭگىلاپ 

  بىپايان تۇپراقتىكى كىچىككىنە قوڭغۇراققا ئوخشاش

باھارغا كىرىش قوڭغۇرىقىنى چالدى

يېزا - كەنتلەردىكى ئېتىزلىقلاردا

ماشىنىلارنىڭ گۈكىرىگەن ئاۋازىغا

توپراقتىكى شىۋىرلىغان ئاۋازلار قوشۇلۇپ 

 سەھرادا ھاياتىي كۈچكە تولغان سىمفونىيە ياڭرىدى

شىنجاڭدىكى مۇنبەت ئېتىزلىقلاردا

ئۆرۈك چېچەكلىرى شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى

ئۇ چېچەكلەرنىڭ مەيىن شامالغا ئاستا پىچىرلىشى ئىدى  

تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا

پولات چىۋىقلارنى كەپشەرلەش ئاۋازى

قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ توۋلىغان ئاۋازى

بىر كۆتۈرۈلۈپ بىر پەسىيىپ

 ھەرخىل ئاۋازلار

خۇددى شەھەر تەرەققىياتىنىڭ يۈرەك سوقۇشىغا ئوخشىدى

لەگلەكلەر كۆككە ئۆرلەپ بۇلۇتقا ياماشتى

 بالىلار باھار شامىلىغا جور بولۇپ

كۆك ئاسماندا باھارنى كۈيلەيدىغان 

رەڭدار ھەسەن-ھۈسەنلەرنى سىزىپ چىقتى 

 

   نازارەتچى: جىڭ بو

   پىلانلىغۇچى: ليۇ يۈەنيۈەن

   تەييارلىغۇچى: جارقىنگۈل تۇرسۇن 

   ماتېرىيال مەنبەسى: شىنجاڭ ياخشى جاي، كەلپىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى،  تىنچ-ئامان قاناس، @ئاتلىق فوتوگراف قەيسەر

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.