تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تىزىملىتىڭ! تەخمىنەن 50 مىڭ ئادەم قوبۇل قىلىش پىلانلاندى

    3-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر، 2025-يىللىق داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانىغا تىزىملىتىش كۆزنىكى ئېچىلغان بولۇپ، بۇ يىل يەنە داۋاملىق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرىدىن تەخمىنەن 50 مىڭ ئادەم قوبۇل قىلىنىدىكەن.

   ​دۆلەتنىڭ ياش ئىختىساسلىقلارنى غەربىي قىسىم ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مۇھىم تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، غەربىي قىسىم پىلانى 2003-يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 13 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىي مۇلازىمەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن شىنجاڭدا قېلىپ تەرەققىي قىلىشنى تاللاپ، «پىدائىي»دىن «شىنجاڭلىق»قا ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ئاۋانگارت كۈچكە ئايلانغان.

   تىزىملىتىدىغانلار «داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانى ھۆكۈمەت تور بېكىتى (大学生志愿服务西部计划官方网站)» (http://xibu.youth.cn) ياكى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى «غەربىي قىسىم پىدائىيلار توپى»(西部志愿汇) ئارقىلىق ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ، تىزىملىتىش ۋاقتى 5-ئاينىڭ باشلىرى ئاخىرلىشىدۇ.

   «پىدائىيلار مۇلازىمىتى»دىن «يىلتىز تارتىپ ئۆزىنى بېغىشلاش»قىچە، غەربىي قىسىم پىلانى ياشلارنى ئۆسۈپ يېتىلىش سەھنىسى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىختىساسلىقلار موتورىغا ئايلاندى.

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.