تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەدبىر سوراش، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك يىرىك پىلان ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ بېيجىڭدا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان بويىچە مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەدبىر سوراش، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك يىرىك پىلان ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ بېيجىڭدا مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي، ياخشى تۈزۈشنى چۆرىدەپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەدبىر سوراش، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پىكىر يولىنى ئېچىپ، يىرىك پىلان تۈزۈش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەشكە پۇختا ئاساس سېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشنىڭ ئاساسىي پىكىر يولىنى تونۇشتۇردى. جاڭ يۇڭ، بى جىڭچۈەن، جاڭ شياۋچياڭ، دۇ يىڭ، خۇ زۇسەي، ۋاڭ يىمىڭ، رېن جىۋۇ، سۇ ۋېي، شۇ يىنبياۋ، ئوۋياڭ مىڭگاۋ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ بۇ بىرنەچچە يىلدا ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، ھازىر تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ۋە بوشلۇقى غايەت زور بولۇپ، «15 - بەش يىل»مەزگىلىدە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە رولى يەنىمۇ گەۋدىلىنىدۇ، پەقەت ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى ئىگىلەپ، نىشان يۆنىلىشىنى چىڭ كۆزلەپ، ئەۋزەللىكنى ئايلاندۇرۇشقا تېز تۈرتكە بولغاندىلا، چوقۇم يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جەريانىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ. ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى» ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەرگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش، ئېنېرگىيە ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يول قۇرۇلۇشى، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، «قوش كاربون» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، پىكىر يولى، تەدبىرلەر ئۈستىدە كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي ئالدى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈشى ئۈچۈن توغرا ھەم ئېنىق چۈشەنچىسىنى تەقدىم قىلغانلىقىغا، ياخشى چارە، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مۇھىم تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرماقتا، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. ھەرقايسى رەھبەرلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر كەسىپ ساھەسىدىن چىقىش قىلىپ، قىممىتى بار نۇرغۇن پىكىر يولى، پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنى مۇھىم يېتەكچىلىك ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىدى. ئالاقىدار تارماقلار ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، رەتلەپ، تولۇق تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىپ، يىرىك پىلان تۈزۈشتىكى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: «15 - بەش يىل» باسقۇچى دۆلىتىمىزنىڭ ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى جىپسىلاشتۇرىدىغان مۇھىم مەزگىلى، 2035 - يىلى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچ. شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا بۇ بەش يىلنى ياخشى ئىگىلەش ئىنتايىن مۇھىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ «مۇقىم بولۇش» ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، «ئىلگىرىلەش» قۇۋۋىتى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، «يېڭى بولۇش» سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەزى بېسىم ۋە خىرىس، كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىكلەرگە دۇچ كەلدى، جەزمەن ئالدىن پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كۈچەپ تاقابىل تۇرۇش، ھەل قىلىش كېرەك. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى پىلانلاپ تۈزۈش توغرىسىدا بەرگەن بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرى، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلىرى، مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرى، مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئىلمىي، ياخشى پىلانلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش سىياسىيلىقى، ئىستراتېگىيەلىكلىكى، ئىلمىيلىكى ناھايىتى كۈچلۈك بىر تۈرلۈك خىزمەت، جەزمەن باشتىن - ئاخىر «ئىككى ئومۇمىيەت»نى چىقىش قىلىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، شىنجاڭ دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىسنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، دىققەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا يۈزلىنىپ، مەۋقەنى رايون ئەھۋالى ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، شىنجاڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پىلانلاش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى مۇھىم چىقىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك يىرىك پىلانى بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش بىلەن مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك نىشان بىلەن قىسقا مەزگىللىك نىشاننى تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى ئارقىلىق بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، شۆ بىن، جۇ لىفەن، جىن جىجېن، خا زېڭيوۋ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.