تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنى كەسىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، يۈكسەلدۈرۈپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنى كەسىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش نۇقتىلىق تۈرلىرى بويىچە 2025 - يىللىق مەبلەغ سېلىشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شىنجاڭنى كەسىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، يۈكسەلدۈرۈپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، شىنجاڭ مەركەزنىڭ 18 كارخانىسى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭدا شىنجاڭنى كەسىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش نۇقتىلىق تۈرلىرى بويىچە 2025 - يىللىق مەبلەغ سېلىشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، شىنجاڭ مەركەزنىڭ 18 كارخانىسى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭدا شىنجاڭنى كەسىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش نۇقتىلىق تۈرلىرى بويىچە 2025 - يىللىق مەبلەغ سېلىشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنى كەسىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يۈكسەلدۈرۈپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىش ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

2024 - يىلى، مەركەزنىڭ 40تىن كۆپرەك كارخانىسى شىنجاڭدا 336 تۈرنى يولغا قويدى، ئەمەلىي تاماملانغان سېلىنما 280 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. بۇ قېتىمقى يىغىندا، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىك ئىككى تەرەپ يەنە بىر تۈركۈم ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ما شىڭرۇي قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار ۋە ئالاقىدار مەركەز كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلارنىڭ گۇۋاھلىقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى خۇارۇن گۇرۇھى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە بىڭتۇەن جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھى، جۇڭگو خۇانېڭ گۇرۇھى، جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سېلىنما گۇرۇھى، جۇڭگو دۇڭفاڭ ئېلېكتىرو گۇرۇھى، جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى گۇرۇھى بىلەن تۈر ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى، ئالاقىدار تۈر 54 بولۇپ، شىنجاڭدا 130 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق كەسىپ سېلىنمىسىنى تاماملاش مۆلچەرلەندى، بۇ، ئېنېرگىيە، يېڭىچە ئېنېرگىيە ساقلاش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش مەركىزى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يىغىندا، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنى كەسىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ھەم پىلانلىنىش ئەھۋالى، بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە كەسىپ سېلىنمىسى ھەمكارلىقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى دەي خوۋلياڭ، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ما يۇڭشېڭ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ جىگاڭ، جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جياڭ يى، جۇڭگو چاڭجياڭ سەنشيا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ ۋېيپىڭ، دۆلەت ئېنېرگىيە سېلىنما گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى زوۋ لېي، جۇڭگو دۇڭفاڭ ئېلېكتىرو گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ يەنجۈن، خۇارۇن گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ شياڭمىڭ، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى چېن ۋېنجيەن، جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ تۇڭجوۋ، جۇڭگو لۈفا سېلىنما گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى سۈن يۈ سۆز قىلىپ، شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىش، تەرەققىي قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، كېيىنكى قەدەمدە مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر يولى ۋە پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ما شىڭرۇي سۆزىدە ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ يۇقىرى نۇقتىدىن تۈرتكە بولۇشى نەتىجىسىدە، مەركەز كارخانىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، سېلىنما كۆلىمى زور، تۈرتكىلىك رولى كۈچلۈك، تەرەققىيات ئىستىقبالى ياخشى بولغان بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەرنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىنى پائال پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ مۇھىم تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكلىگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە، بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق. 2024 - يىلى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنىڭ ئىزچىل جارى قىلدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى يەنىمۇ گەۋدىلەندى، شىنجاڭ ھەرقايسى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى بارغانسېرى كەڭ سەھنە بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى كۆزلەپ، نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئايلاندۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، سۈپىتى يۇقىرى، يوشۇرۇن كۈچى زور، تۈرتكىلىكلىكى كۈچلۈك، ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدىغان بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى داۋاملىق پىلانلاپ يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا كەسىپ تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ شىنجاڭنى كەسىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتە تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشنى تولۇق ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت، قىلىشقا تېگىشلىك ئىش دەپ بىلىپ، كارخانىلار تەرەققىيات جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى پائال ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، يەر ئىشلىتىش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش، ئادەم ئىشلىتىش قاتارلىق ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا مەدەت بېرىپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

چېن ۋېيجۈن، شۆ بىن، جۇ لىفەن، جىن جىجېن، شى گاڭ، خا زېڭيوۋ، لى يۇڭخۇڭ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى شېن يەنفېڭ، جۇڭگو خۇانېڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋېن شۇگاڭ، جۇڭگو بىناكارلىق گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جېڭ شۆشۈەن، خۇارۇن گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ سۈيجۈن، جۇڭگو جۇڭمېي ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ شۇدۇڭ، جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى دىڭ يەنجاڭ، جۇڭگو گۇاڭخې گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ياڭ چاڭلى، ھەرقايسى مەركەز كارخانىلىرىدىكى ئالاقىدار يولداشلار ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.