تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دەۋر چوڭ دولقۇنىغا تايىنىپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن بىرلىكتە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورتاق كېڭەشكەنلىكى توغرىسىدا

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، لىن خۇي، شى يۈسېن، جاڭ يەن

باھاردىكى كاتتا يىغىن، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو. پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى، خەلقنىڭ قەلب ساداسى، دۆلەتنىڭ ئىرادىسى بۇ يەردە بىرلىشىپ، مۇجەسسەملىنىپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىشنىڭ دەۋر شانلىق سەھىپىسى پۈتۈلدى.

قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، ھەر يىلدىكى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن سەمىمىي ھەمتۈرتكە بولدى، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى −

«باش ۋەزىپە»نى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېنىق يولىنى ئىزاھلىدى؛ «مۇھىم ئەڭگۈشتەر»دىن ياخشى پايدىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى تەكىتلىدى؛ «خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم» دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قەلبىگە پۈكتى؛ «ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەر»نى ياخشى سىزىپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ئورتاق ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

شەرق شامىلى ھەيۋەتلىك چىقتى، باھاردىكى جۇڭگو غەيرەت - جاسارەتكە تولدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى.

(1) باش ۋەزىپىنى پۇختا تۇتۇش

− «زامانىۋى ئىقتىساد دولقۇنىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىنتىلگۈچى بولۇشتەك رولىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش»

«بۈگۈن خەۋەرگە چىقتىڭىز، شۇنداقمۇ؟»

«شۇنداق، رەھمەت باش شۇجى».

بۇ، 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي چوڭ زالىدىكى ئىللىق بىر كۆرۈنۈش ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

نەنجىڭ شەھەرلىك 1 - دوختۇرخانىدىن كەلگەن ۋەكىل جاڭ جۈنجيې سۆزىنى ئەمدىلا باشلىشىغا، باش شۇجى ئۇنى تونۇۋالدى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جاڭ جۈنجيې «ۋەكىللەر يولى»دا تاراتقۇلارغا تېببىي پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىگە قاتناشقان كەچۈرمىشىنى ھەمبەھرىلىدى.

يىغىن مەيدانىدا، جاڭ جۈنجيې باش شۇجىغا مۇشۇ يىللاردا ئۆز ئالدىغا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، ئۆپكە كېسىلىنى داۋالايدىغان يۇقىرى بېسىملىق ئۈسكۈنىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى، ئۇ ئۆزى يەنە كوللېكتىپنى باشلاپ ھەر يىلى پۈتۈن مەملىكەتتە 300دىن ئارتۇق مىكرو زەخىملىك يۈرەك كىلاپانى ئوپېراتسىيەسىنى قانات يايدۇردى ھەم چەت ئەللەرگە بېرىپ ئوپېراتسىيە ئارقىلىق يېتەكلەش، تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق ئاغرىقلارغا قايتىدىن «يۈرەك ئىشىكى» ئورنىتىپ بەردى.

بۇ، باش شۇجىنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى: «20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا، دۆلىتىمىزنىڭ يۈرەككە تىرەك سېلىش ئوپېراتسىيە ئىقتىدارى تېخى ئاجىز ئىدى.» «ھازىر قاراپ بېقىڭ، تىرەكنىڭ باھاسىمۇ چۈشتى، ماتېرىيالنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىش دەرىجىسىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولدى. بۇ جەھەتتە بىز ناھايىتى زور ئىلگىرىلىدۇق، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىسەك، چوقۇم تېخىمۇ ياخشى قىلالايمىز».

بۇ تېما 2 - كۈنى دوستلۇق مېھمانخانىسىنىڭ جۈيىڭ زالىدا يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ ئارىسىغا كەلدى.

غەربىي شىمال داشۆسىنىڭ ھاياتلىق ئىلمى ۋە تېببىي بۆلۈمىدىن كەلگەن ئەزا سۈي يالى باش شۇجىغا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «يېڭى تېببىي پەن» قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى ھالەتنى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇشىغا ئىلھام بېرىش تەكلىپىنى بەردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: داۋالاش سەۋىيەسى، داۋالاش جابدۇقلىرى، ئۈسكۈنىلىرى، ماتېرىياللىرىنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىش، دوختۇرخانا قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە دۆلىتىمىز غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. «ئىلگىرى بىز ھەل قىلالمىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر ھازىر ھەل قىلىنىپلا قالماي، يەنە خەلقئارا يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى، بەزىلىرى ھەتتا خەلقئارادا ئەڭ ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى».

داۋالاش پەن - تېخنىكا سەۋىيەسىنىڭ يۈكسىلىشى بىر دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئوبرازىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇقەررەر يول.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى.

2023 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بولمىسا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ» «بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىلا تىلغا ئېلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تىلغا ئالمىساق بولمايدۇ» «سۈپەت ئېڭىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، سۈپەتنى جان دەپ بىلىپ، يۇقىرى سۈپەتكە ئىنتىلىش كېرەك».

يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۆتۈش ۋاقىت - شارائىتقا قاراپ ئۆزگىرىشتىكى تەشەببۇسكار ھەرىكەت، شۇنداقلا ئۇزاق كەلگۈسى كۆزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك تاللاش.

جياڭسۇ «ئىككىنچى ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكە» بولۇش سۈپىتىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %1ىنى ئىگىلەيدىغان كۆلىمى، %6ىنى ئىگىلەيدىغان نوپۇسى بىلەن، %10تىن ئارتۇق ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدار ياراتتى.

«سىلەرنىڭ ياخشى تەرەققىيات ئاساسىڭلار ۋە روشەن خاس ئەۋزەللىكىڭلار بار، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا داۋاملىق ئالدىدا مېڭىشىڭلار كېرەك.» باش شۇجىنىڭ قارىشىچە، ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىنىڭ ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا باتۇرلۇق بىلەن ئىزدىنىپ ئالدىدا مېڭىشى پۈتۈن مەملىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئىككى يىل ئىلگىرى جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى جياڭسۇغا قارىتا «تۆتتە ئالدىدا مېڭىش»تىن ئىبارەت سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى −

پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىش؛ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا ئالدىدا مېڭىش؛ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئالدىدا مېڭىش؛ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىشتە ئالدىدا مېڭىش كېرەك.

بۇ قېتىم باش شۇجى جياڭسۇنىڭ قانداق قىلىپ مەملىكەت ئومۇمىيىتىدە ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا قارىتا، «تۆت كۈچەش نۇقتىسى»دىن ئىبارەت ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى −

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا باشلامچى بولۇش؛ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا باتۇرلۇق بىلەن بىرىنچى بولۇشقا تىرىشىش؛ دۆلەتنىڭ مۇھىم تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئالدىدا مېڭىش؛ ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈلگە بولۇش كېرەك.

«تۆتتە ئالدىدا مېڭىش»تىن «تۆت كۈچەش نۇقتىسى»غىچە، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلدى، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا جەزمەن زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. «كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتۇشتا، ئەمەلىي ئىقتىسادتىن ئىبارەت بۇ نېگىزنى مەھكەم ساقلاش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنداق تاپىلىدى، بۇ، نەق مەيداندا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغان ۋەكىل شەن زېڭخەينى ناھايىتى ئىلھاملاندۇردى.

شەن زېڭخەي شۈگۇڭ گۇرۇھىدىن كەلگەن ئىشچىلار ۋەكىلى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى باشتىن - ئاخىر ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قويدى.

شەن زېڭخەينىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە، 2023 - يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭ يەر ئۈستى ئاسما كىراننىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىش نىسبىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «بىز يەنە داۋاملىق يۈكسەلدۈرۈپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ مېڭىشىمىز كېرەك، بىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىمىز بۇ جەھەتتە گەۋدىلىنىشى كېرەك. ھەرقانداق ۋاقىتتا جۇڭگودا ياسىمىچىلىق كەم بولسا بولمايدۇ».

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىچكى تەلەپ ۋە مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى.

بۇلتۇر مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈچ قېتىم ئۆمەك، گۇرۇپپىلارغا بېرىپ، «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى»نى ئۈچ قېتىم تىلغا ئېلىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مېتودولوگىيەسىنى يەنىمۇ چۈشەندۈرۈپ، «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى دېگەن نېمە، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش كېرەك» دېگەن دەۋر تېمىسىغا چوڭقۇر جاۋاب بەردى.

يىراقنى كۆزلەپ چوڭقۇر ئويلىنىش جەريانىدا، «ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىش»تىن ئىبارەت سەگەكلىك، تەمكىنلىكنى، «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەل جايىدا تەپەككۇر قىلىشنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ مۇنداق دېدى: «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە سەل قاراش ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش دېگەنلىك ئەمەس، پىلانسىز ئىش كۆرۈشنىڭ، كۆپۈكلەشتۈرۈۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا بىر خىل ئەندىزىگىلا ئېسىلىۋالماسلىق كېرەك».

شۇ چاغدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇنى «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم بازىغا ئايلىنىش كېرەك» دەپ رىغبەتلەندۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى بۆسۈش ئېغىزى ۋە ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى − «پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە قۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش»نى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

بۇ يىل، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پەن - تېخنىكا نازارىتىنىڭ نازىرى، ۋەكىل شۈ گۇاڭخۇي سۆزىدە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى باش شۇجىغا دوكلات قىلدى: پۈتۈن ئۆلكە مالىيەسىدىن بۇلتۇر پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا سېلىنغان مەبلەغ 78 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يەتتى، دۆلەت ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسىپ توپى كۆپىيىپ 14كە يەتتى، دۆلەت كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىسى ئۇدا ئىككى يىل يېڭىدىن 700دىن ئارتۇق كۆپەيدى...

«پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا، جياڭسۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، سىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچۈڭلار بۇنىڭغا ماس كېلىدۇ.» باش شۇجى شۇنداق دەپ ماختىدى ھەم مۇنداق كۆرسەتتى: «بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، جياڭسۇ، جېجياڭ، جۈملىدىن ھازىرقى بەزى ئوتتۇرا قىسىم رايونلار، يەنى ئەنخۇي، خۇبېي قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق».

ئارقىدىن قىلغان مۇھىم سۆزىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق چۈشەندۈردى: «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈپ يولى».

ئەمەلىيەت ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، تونۇش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. بۇ، بىر جاي، بىر ساھەگە بولغان ئۈمىد، شۇنداقلا تەرەققىيات ئومۇملۇقى توغرىسىدىكى ئويلىنىش −

«ئومۇمەن ئېيتقاندا، بىز پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىپ، دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنى زامانىۋى ئىقتىساد چوڭ دولقۇنىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىنتىلگۈچى بولۇشتەك رولىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك».

(2) ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇش

− «جاسارەت بىلەن ئىسلاھات - تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش»

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. ئومۇمىي يىغىندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، ئىسلاھات تېمىسى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

مائارىپ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇلى، مائارىپ ئىسلاھاتى تېمىسى پارتىيە رايى، خەلق رايىغا تۇتىشىدۇ.

3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى، مائارىپ ساھەسىگە كۆپ يىل ئەجىر سىڭدۈرگەن ئەزالار بەس - بەستە سۆز قىلدى.

بىرىنچى بولۇپ سۆز قىلغان ئەزا جاڭ يۈنكەي خېبېي قاتناش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. كەسپىي مائارىپ كەسىپلەر بىلەن ئەڭ زىچ ئۇدۇللاشقان، ئىقتىسادقا ئەڭ بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدىغان مائارىپ تۈرى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى گاڭگىراشلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى −

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئىش ئورنى بار يەردە ئىشلەيدىغان ئادەم يوق، ئىشلەيدىغان ئادەم بار يەردە ئىش ئورنى يوق» بولۇش ھادىسىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بىلەن كارخانا ئېھتىياجى «ئىككى ئىش» بولۇپ قېلىش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

«ھازىرقى ئەمگەك كۈچى بازىرىدا بەزى جايلاردا خادىم قەھەتچىلىكى، ئىختىساسلىقلار قەھەتچىلىكى كۆرۈلۈۋاتىدۇ، بەزى جايلاردا تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەن، بۇ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلە.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

«ئىختىساسلىقلار جەھەتتە، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرىدۇ، مائارىپ ئالدىن ئويلاپ يېتىشى، ئالدىدا مېڭىشى كېرەك.» باش شۇجى مۇنداق تەلەپ قىلدى: كەسپىي مائارىپنى ئالدىن ياخشى پىلانلاپ، ئىسلاھات ئارقىلىق رېئال ئېھتىياجغا ئۇيغۇنلىشىش كېرەك.

تەرەققىيات تېما چىقاردى، ئىسلاھات كۈچ سەرپ قىلدى، «مەسىلىنى ھەل قىلىش جەريانى يەنە تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانى».

ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكە ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشتا، جەزمەن باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ باشلامچىسى بولۇشى كېرەك.

بىر يىل ئىلگىرى، جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنى پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك».

بۇ يىل، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى ئوبرازلىق ھەم جانلىق بولدى: «ئىقتىسادنىڭ ھەجىمى زور، ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئېھتىياجلىق. جياڭسۇ ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، ئىچكى - تاشقى جەھەتتە ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز تۈردە توسالغۇلارنى تۈگىتىشى، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇشى كېرەك».

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق قۇرۇلۇش، تۈرلۈك - تۈمەن خىزمەتلەر ئىچىدە، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تۇتقىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

«زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا كېڭەيتىش كېرەك»؛

«يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، بازار ئىجازىتى، ئادىل رىقابەت، ئىجتىمائىي ئىناۋەت قاتارلىق بازار ئىگىلىكى ئاساسىي تۈزۈملىرىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك»؛

«ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرلىك قورۇقچىلىق قىلىش، بازارنى بۆلۈشۈۋېلىش ۋە <ئىچكى تالىشىش شەكلى>دىكى رىقابەتلىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈگىتىش كېرەك»...

2035 - يىلىغا بارغاندا يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ھەر يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى دىققەتنى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكلەش رولىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىسى.

بۇلتۇر سىياسىي كېڭەش بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، پەن - تېخنىكا ساھەسىدىن كەلگەن ئەزا جاۋ يۈلياڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ پەن تەتقىقات ئىلمىي ماقالىسى ۋە كەشپىيات پاتېنت مىقدارى كۆپ، لېكىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئايلاندۇرۇلغىنى ئاز. يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنىڭ «بىر - بىرىگە قارىشىپ تۇرسىمۇ ئۇچرىشىشىنىڭ تەس بولۇشى» يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە توسالغۇ بولىدىغان بوغۇق نۇقتا.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاڭلىغاندىن كېيىن، كېيىنكى قەدەمدىكى ئىسلاھاتنىڭ يۆنىلىشى ۋە رىتىمىنى مۇنداق ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى: «ئىلگىرى تەتقىقات بىلەن ئىشلەپچىقىرىش <ئىككى ئىش> ئىدى، ھازىر پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش نىسبىتى ئىلگىرىكىدىن كۆپ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بولۇپمۇ كارخانىلار ئۆزى بىۋاسىتە تەتقىق قىلىپ ئېچىپ نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن كارخانىلار ئورتاق گەۋدە شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ، بۇنداق يۈزلىنىش ۋە يۆنىلىش توغرا، شۇڭا سۈرئەتنى تېزلىتىپ، رىغبەتلەندۈرۈش، ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇش كېرەك».

قانداق قىلغاندا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى «چوڭقۇر يۇغۇرۇش»تىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ؟

ئۆتكەن بىر يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ باردى: خېفېيدا، شۇ جاينىڭ قانداق قىلىپ پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتقانلىقى، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلەتكەنلىكىنى ئىگىلىدى؛ ۋۇخەندە، «ۋۇخەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات تەتقىقات ئورنى»نىڭ «تاماق بۇيرۇتقانلار تاماق يېمەسلىك، تاماق يېگەنلەر پۇل تۆلىمەسلىك» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە قانداق ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانلىقىنى كۆردى...

بۇ قېتىم جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «مۇشۇ يىللاردىكى تىرىشچانلىق ئارقىلىق، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كەيپىياتى قويۇقلاشتى، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشتا ھەممە باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى، بۇ ئىككىسىنىڭ يۇغۇرۇلۇش ۋەزىيىتى ياخشى بولماقتا، لېكىن بەزى تۈزۈلمە - مېخانىزملار راۋان بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت».

«ئەڭ دەسلەپكى بىر كىلومېتىر»دىن «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غىچە راۋانلاشتۇرۇلۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى «يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇش»تا ئاچقۇچلۇقى ئىسلاھاتقا تايىنىش كېرەك.

باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتۇشتا، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى كۆزلەپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كۆپلەپ يارىتىش، ھەم پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك».

ئۇلۇغۋار ئىشلاردا ئىختىساسلىقلار ئاساس. مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلاردىن ئىبارەت «ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»تە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مائارىپنىڭ رولىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

بۇ يىللىق سىياسىي كېڭەش بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، باش شۇجى چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مائارىپنىڭ پەن - تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلارغا تىرەك بولۇش رولىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدىغان، ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىنى كۆرسىتىدىغان، ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى يەنىمۇ شەكىللەندۈرۈش كېرەك!»

ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش جاسارىتى بار، قىلچە تەۋرەنمەيدىغان ئىرادىسى بار.

2023 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى زاتلارنى ئاساس قىلغان جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باشتىن - ئاخىر «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»، «ئۈچنى ئۆزگەرتمەسلىك»تە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، باشتىن - ئاخىر پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنى ئۆز ئادىمى دەپ بىلىدىغانلىقىنى قايتا بايان قىلدى.

بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

بۇ قېتىم، جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق تەكىتلىدى: «پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر خىل مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش كېرەك».

پارتىيەنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى قايتا بايان قىلىش، ئەمەلىي خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، بۇلارنىڭ ھەممىسى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ «ۋاقىتلىق چارە ئەمەس، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىر» ئىكەنلىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، «كەڭ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلار كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى».

ئىسلاھاتتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىش، ئېچىۋېتىشتىن ھاياتىي كۈچ ئېلىش.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ توققۇز مەيدان رايون تەرەققىياتىغا ئالاقىدار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئومۇملۇق كۆزدە تۇتۇلغان، ھەرقايسى تەرەپلەر گىرەلەشمە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، دۆلەت ئىچى بىلەن دۆلەت سىرتى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ تۇتاشتۇرۇلغان تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.

«چاڭجياڭ - خۇەيخېنىڭ جاسارىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، كۆڭلى - كۆكسى بىپايان خۇاڭخەي دېڭىزىدەك كەڭ»، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇدىن زور ئۈمىد كۈتتى: «ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكە ئىقتىسادىي گەۋدىسى زور بولۇشنى كۆرسىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە زىممىسىگە ئالغان مەسئۇلىيەتنىڭ زور ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، دۆلەتنىڭ زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تېخىمۇ زور تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك».

بۇ ھەقتە، باش شۇجى ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: «چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇش، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلەر بىلەن بولغان ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىش»...

بۇ، ئۇلۇغۋار غايىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەيدىغان يۈكسەك ئەقىل - پاراسەت، كىچىك ھالىتىنى كۆزىتىش ئارقىلىق ئومۇمىي قىياپىتىنى پەرەز قىلىدىغان يىراقنى كۆرەرلىك. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ دەۋر چوڭ دولقۇنىغا تايىنىپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەندە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇقەررەر ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش داۋامىدا تېخىمۇ كەڭ مەنزىل ئاچىدۇ.

(3) باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاش

− «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم»

ۋەكىل لى شياۋنا «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى مەھەللىدە خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 12 يىل بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان بۇ تەمكىن، سالماق قىز ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى تىلغا ئېلىپ پىششىق بايان قىلىپ بەردى.

«سىلەرنىڭ مەھەللىدە قانچە نوپۇس بار؟» دەپ سورىدى باش شۇجى كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا.

«7266 ئادەم بار، بەش ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىن تەركىب تاپقان. مەن يېڭى كەلگەن چاغدا، ئاران 3000دىن كۆپرەك ئادەم بار ئىدى، ھازىر بىر قاتلاندى» دېدى لى شياۋنا شۇ ھامان.

بۇ بىرنەچچە ساننى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى ناھايىتى ھاياجانلاندى: «ئىلگىرىكى ئاھالىلەر كومىتېتلىرىنىڭ ھەممىسى بىرقەدەر كىچىك ئىدى. مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىنى <تار كوچىنىڭ زۇڭلىسى> دېيىشكە بولىدۇ، باشقۇرىدىغان ئىشلىرى بەك كۆپ، ئاسان ئەمەس».

كىچىككىنە مەھەللىنىڭ بىر ئۇچى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى، ھال - ئەھۋالىغا تۇتىشىدۇ، يەنە بىر ئۇچى دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۇتىشىدۇ. تۈرلۈك - تۈمەن خىزمەتلەر تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ ئىشى.

«مەن يەرلىكتە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ھەمىشە يېزا، شەھەر مەھەللىلىرىگە بېرىپ كۆرۈپ باقىمەن» «مەن <ياشانغانلار - بالىلار>دىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمەن».

چۇڭچىڭ جيۇلۇڭپو رايونى مىنجۇسۈن مەھەللىسىنىڭ ئاشخانىسى، نىڭشيا يىنچۇەن شەھىرى چاڭچېڭ گۈللۈكى مەھەللىسىنىڭ سەھىيە پونكىتى، گەنسۇ لەنجوۋ ئەننىڭ رايونى زاۋلىن غەربىي مەھەللىسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزى... بۇ يىللاردا، جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى ھەر قېتىمدا مەھەللىلەرگە باردى، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالدى، «ياشانغانلار، بالىلار»نى كۆڭلىگە پۈكتى.

بۇ قېتىم، ئاساسىي قاتلام مەھەللە شۇجىسى لى شياۋنانىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى بۇ مەسىلىگە قارىتا ئويلىنىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تىلغا ئالدى −

ئالدى بىلەن «ياشانغانلار» ئۈستىدە توختالدى: «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياشانغانلار ئائىلىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پىدائىيلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ياشانغانلارنى داۋالاش - كۈتۈش كەسپىنى ياخشى يېتىلدۈرۈش كېرەك».

ئارقىدىن «بالىلار» ئۈستىدە توختالدى: «نوپۇس قۇرۇلمىسى ۋە يەسلى باشقۇرۇش سۈپىتىگە ئاساسەن، ھازىرقى يەسلى مۇلازىمىتىدە، بەزى رايونلاردا يەنە <يېتىشمەسلىك> ياكى <ئېشىپ كېتىش> ئەھۋالى مەۋجۇت، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بىز ھەممىمىز بالىلارنىڭ بىخەتەر، ساغلام بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، يەسلى مۇلازىمەت خادىملىرىنىڭ كەسپىي بولۇشى، مەسئۇلىيەتچان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، يەنە بۇ جەھەتتىكى قۇرۇلۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك».

مائارىپ خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئۇنىڭغا يۈز مىليونلىغان ئائىلە كۆڭۈل بۆلىدۇ.

2023 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى «ئاساس مائارىپ ئىنتايىن شەرەپلىك، مۈشكۈل تارىخىي ۋەزىپىنى زىممىگە ئالغان» دەپ تەكىتلىدى، 2024 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا يەنە «كەسپىي مائارىپنى ھەقىقىي ياخشى يولغا قويۇش كېرەك» دەپ تاپىلىدى.

بۇ يىل، باش شۇجى سىياسىي كېڭەش جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «كۆپچىلىك بىرلىكتە مائارىپ ئۇلۇغۋار پىلانى توغرىسىدا ئورتاق كېڭىشەيلى» دېدى.

«بىزنىڭ مائارىپ مۇساپىمىزدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى!» ھازىرغا نەزەر سېلىپ ئۆتمۈشنى ئەسلىگەندە، غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى −

نامرات، ئارقىدا قالغان ھالەتتىكى چاغلاردا، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ساۋات چىقىرىش سىنىپى ئېچىلدى. «ئاشۇ چاغلاردا قورساق تويغۇزۇشمۇ بىر مەسىلە ئىدى، پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادچىللىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بولۇپ، مائارىپ خىراجىتىمۇ مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى».

ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، مەبلەغ توپلاپ مەكتەپ قۇرۇشتىن «ئۈمىد قۇرۇلۇشى»غىچە، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان بالىنىڭ ئارزۇسىنى نۇرلاندۇردى. «ئەينى يىلى مەن لياڭجياخې كەنتىدە يەنە مەبلەغ توپلاپ باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇپ، ناھايىتى خۇشال بولغانىدىم. كېيىن نېمە ئۈچۈن يوق بولدى؟ بۇمۇ ياخشى ئىش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېزا - بازارلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلۇپتۇ. ئۇمۇ مەكتەپ قۇرۇلمىسىدىكى بىر قېتىملىق تەڭشەش ھېسابلىنىدۇ».

بۈگۈنكى جۇڭگودا، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر ھەممە ئائىلە مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، بۇ جەھەتتە قىزىق نۇقتىلار ئاز ئەمەس، بۇ، مائارىپ كەيپىياتىنىڭ قويۇق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، شۇنداقلا مائارىپىمىزدا خەلقنىڭ ئارزۇسىدىن يەنە بەزى پەرقلەر بارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ».

سىچۇەن ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىدىن كەلگەن ئەزا سەي گۇاڭجيې مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نوپۇس تارقىلىش ئېغىرلىق مەركىزى شەھەرلەرگە يۆتكەلدى، ئوقۇش يېشىدىكى نوپۇس پەلەمپەيسىمان ئازايدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قىسىم يېڭى مەسىلىلەر كۆرۈلۈۋاتىدۇ، مەسىلەن، قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچى سانى جەھەتتە تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش بىلەن قىس بولۇش تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلمىسى تەكشى بولماسلىق، قاتارلىقلار.

باش شۇجى ھەل قىلىش يولىنى كۆرسىتىپ بەردى: «زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئاساس مائارىپ، ئالىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسى بىلەن جەمئىيەت سېلىنمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ مۇۋاپىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك».

«مائارىپ مەسىلىسى ھەم ئەڭ چوڭ ئىش، شۇنداقلا ناھايىتى مۇرەككەپ ئىش. ھەم بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ھەم نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش ھېسابلىنىدۇ» «ياخشى مەكتەپكە بىناسىغىلا ئەمەس، ئۇستازلىرىغا قاراش كېرەك.» باش شۇجى گەپنىڭ نېگىزىنى ئېيتتى.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم. ئائىلە ئىشلىرى، دۆلەت ئىشلىرى، جاھاننىڭ ئىشلىرىدا خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش.

تېز يەتكۈزگۈچىلەر، توردا كېلىشىدىغان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قاتارلىق يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپىغا كۆڭۈل بۆلدى، «باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە يېتىشىپ مېڭىپ، بۇ بوشلۇقنى ياخشى تولدۇرۇش كېرەك. ھەم باشقۇرۇش بولۇشى، ھەم مۇلازىمەت بولۇشى كېرەك».

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىغا ئاتلانغان «يېڭىچە دېھقان» ۋەكىللىرىنى ئالقىشلىدى، «بۇ جەھەتتە دۆلەت بەلگىلىك يېتەكچىلىك قىلىشى، سىياسەت جەھەتتىن بەلگىلىك قوللىشى كېرەك».

مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يۆنىلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى سۈرۈشتۈردى، «بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك».

...

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىي خەلقنى ئورتاق بېيىتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. «ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىلەرنىڭ تەرەققىياتى تېزرەك بولۇشى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە پائال ئىزدىنىپ تەجرىبە توپلىشى، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.» بۇ يىل جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجىنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ جاڭجياگاڭ شەھىرى نەنفېڭ بازىرى يۇڭليەن كەنتىدىن كەلگەن ۋەكىل ۋۇ خۇيفاڭ چوڭقۇر ئويغا چۆمدى.

20 نەچچە يىل ھەربىي بولغان بۇ پېشقەدەم ئەسكەر 2005 - يىلى ئارمىيەدىن چېكىنىپ، ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاش ئارقىلىق يۇڭليەن كەنتىدە خىزمەت قىلىپ، ئورتاق بېيىغان بەختلىك كەنت قۇرۇشنى ئۆزىنىڭ يېڭى «بازا»سى دەپ قارىدى. بۇلتۇر مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئالاقىدار ئويلىغانلىرى ۋە ئەمەلىيىتىنى باش شۇجىغا دوكلات قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئورتاق بېيىشتىن ئىبارەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىشتا، سىلەر باشلامچى، بۇ يولنى كېڭەيتىڭلار. ئورتاق بېيىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىش كېرەك».

خۇنەندە، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدىكى شال ئېتىزىغا كىردى؛ گەنسۇغا بېرىپ، مېۋىلىك باغنىڭ ھوسۇلىنى سۈرۈشتۈردى؛ فۇجيەنگە بېرىپ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەن لىق تولغان بېلىقچىلىق كېمىلىرىنى كۆردى؛ خۇبېيغا بېرىپ، كۆكتات كارىدورىنى كۆردى... ئۆتكەن بىر يىلغا نەزەر سالساق، باش شۇجىنىڭ تەكشۈرۈشتە بولۇش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرىگە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ «چوڭ تېما»غا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئويلىنىشى باشتىن - ئاخىر سىڭگەنىدى، «خەلق» دېگەن بۇ ۋەزنى ئېغىر خەت ئويۇلغانىدى.

تۈمەن چاقىرىملىق تاغ - دەريالارغا چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت باغلىدى.

«ئۇللۇق، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىش ۋە ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە كۆپلەپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، مەنپەئەتلىنىشچانلىقىنى كۈچەيتىش جەھەتتە يەنىمۇ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىش كېرەك.» باش شۇجى قەلبىگە باشتىن - ئاخىر خەلقنى پۈكتى، ھەربىر ئېغىز سۆزى خەلقنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولدى.

(4) ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەش

− «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا پۈتۈن جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئۇلۇغ ئىشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ»

«سۇجوۋ باغ - ئورمان ئەمەلىي مەنزىرىسى نۇسخىسىدىكى <باغ سەيلىسىدىكى ئاجايىپ چۈش>نى كۆرۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچى باغ - ئورمان بىلەن سەنئەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىن مېھرىنى ئۈزەلمىدى» «ياشلار نۇسخىسىدىكى <مۇدەن راۋىقى> ناملىق ئويۇن 20 نەچچە يىلدا 500 مەيداندىن ئارتۇق قويۇلدى، مىليوندىن ئارتۇق تاماشىبىننى جەلپ قىلدى»...

جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىدا، جياڭسۇ ئۆلكىلىك ئويۇن قويۇش گۇرۇھىدىكى ۋەكىل كې جۈن باش شۇجى شى جىنپىڭغا مۇنداق دوكلات قىلدى: ئىلگىرى بىرمەھەل سۇسلىشىپ قالغان كۇنچۈ تىياتىرى يېڭى دەۋر باھار شامىلىغا تايىنىپ، گۈللىنىش كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتماقتا.

«ياشلار نۇسخىسىدىكى <مۇدەن راۋىقى>نى ياشلار ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدۇ. سەھنە، كىيىم - كېچەك، پېرسوناژلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن گۈزەل» دەپ ئىنكاس قايتۇردى باش شۇجى.

2023 - يىلى 7 - ئايدا جياڭسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى سۇجوۋ پىڭجياڭ يولىدا پىڭتەن ئويۇنىدىن زوقلىنىپ، بۇ جايدا «ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق ناھايىتى ياخشى بىرلەشتۈرۈلۈپتۇ» دەپ كۆرسەتتى، «ياخشى قوغداش، ياخشى قېزىش، ياخشى پايدىلىنىش كېرەك، ماددىي شەكىل جەھەتتىن ياخشى ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى قەلبتىن ياخشى ۋارىسلىق قىلىش كېرەك» دەپ تاپىلىدى.

ھەم ماددىي باياشاتلىق بولۇش، ھەم مەنىۋى بايلىق بولۇشى كېرەك، بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى يۈكسەك ئىنتىلىش. باش شۇجى شى جىنپىڭ قاراپ چىقىش جەريانىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «ئورتاق بېيىش ھەم ماددىي جەھەتتىكى ئېشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەم مەنىۋى جەھەتتىكى يۈكسىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».

بىر يىل ئىلگىرى يەنە جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، نەنجىڭ شەھەرلىك مۇزېي باش سارىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ۋەكىل سۇڭ يەننىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش توغرىسىدىكى ھېكايىسىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى ھاياجانلاندى، كەڭ ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ مۇزېي بىلەن كۆپرەك چوڭقۇر ئۇچرىشىپ، تارىخ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

پەقەت تارىختىن كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرغاندىلا، بىز بۈگۈنكى ئىشلىرىمىزنى ياخشى قىلالايمىز.

قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، بۇ، مائارىپتىكى تۈپ مەسىلە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ ئىستىقبالى - تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك.

بۇ يىلقى سىياسىي كېڭەش بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا، جەزمەن توغرا بولغان مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك».

ئەگەر بىر يىل ئۈچۈن پىلان تۈزسەك، زىرائەت تېرىشتىنمۇ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىش يوق؛ ئەگەر ئۆمۈرلۈك پىلان تۈزۈشكە توغرا كەلسە، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىنمۇ مۇۋاپىق ئىش يوق.

ئىككى يىل ئىلگىرى، جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، خۇەيئەن شەھەرلىك شىنئەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل جاڭ دادۇڭ مۇنداق تونۇشتۇرغانىدى: بۇ جاي «شىنئەن سەييارە تەشۋىقات ئۆمىكى»نىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلدى، «بالىلىرىمىزنىڭ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى».

ئەينى چاغدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا ئەسلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «مەنمۇ قىزىل گالىستۇك تاقىغان. مەكتەپكە بالدۇر كىرگەچكە، مەن بىرىنچى تۈركۈمدە پىيونېرلار ئەترىتىگە كىرەلمىگەنلىكىمدىن يىغلاپ كەتكەنىدىم. كېيىن پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ بايراقچىسى بولۇپ، غەيرىتىم ئۇرغۇدى».

باش شۇجى يەنىمۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مائارىپىمىز 5000 يىللىق جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ئېسىل جەۋھەرلەرنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە غەربنىڭ مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنىمۇ تاشلاپ قويماسلىقى، ھەقىقىي تۈردە ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى <تۆت ئىشەنچ>كە ئىگە بالىلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشى كېرەك».

ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەر ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلدى، قىزىل گېن مەشئىلى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈلدى.

ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلايدىغان «ئۇرۇق» چېچىش دەرسلىكى بولۇپ، ئوتتەك قىزغىن ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭى نۇر چاچماقتا.

«ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە <كىچىك دەرسخانىسى> بىلەن جەمئىيەت <چوڭ دەرسخانىسى>نى ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇپ، ئەخلاق تەربىيەسى خىزمىتىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلەش كېرەك.» سىياسىي كېڭەش بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ رېئال يولىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەرقايسىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇش، ھەرقايسىسىنىڭ ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش زۆرۈر.

بۇ يىلقى سىياسىي كېڭەش بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، باش شۇجى جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىدىكى كەڭ ئەزالار ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى كەڭ زاتلاردىن ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىسلاھ قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەمەلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشنى تەلەپ قىلدى.

2024 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، پەن - تېخنىكا ساھەسى، مۇھىت - بايلىق ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ «ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش»ىنى، پەن - تېخنىكا ساھەسىنىڭ «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىش»ىنى، مۇھىت - بايلىق ساھەسىنىڭ «ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش»ىنى ئۈمىد قىلدى...

ھەر يىلقى كۈتكەن ئۈمىد يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ھەربىر سەمىمىي تاپشۇرۇق كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى. «مەخسۇس كېڭىشىش» ئەۋزەللىكى، «كېڭىشىش» ئالاھىدىلىكى، «مۇجەسسەملەش» ئىقتىدارى جارى قىلدۇرۇلۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ «ئەڭ كەڭ، ئەڭ چىن، ئەڭ ئەسقاتىدىغان» ئىكەنلىكى جانلىق ئىزاھلاندى.

خەلق دېموكراتىيەسى سوتسىيالىزمنىڭ جېنى. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى.

2024 - يىلى ئالتۇن كۈزدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە ئىككى مۇھىم يىغىن − مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىغا ئارقا - ئارقىدىن قاتناشتى، «پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى»نىڭ ھەممىسى باش شۇجى تەكىتلىگەن ئاچقۇچلۇق سۆز بولدى.

«بىز پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇشىمىز، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز، ياخشى يۈرۈشتۈرۈشىمىز كېرەك» «پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش جەريانىدا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك»...

كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش، ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ ئىلگىرىلەش، قەلبنى مۇجەسسەملەش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملەش، كۈچ - قۇۋۋەتنى مۇجەسسەملەش، بۇ، دەل جۇڭگوچە دېموكراتىيەنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى.

يېڭى مۇساپىدە، ئاياللار ئەرلەردىن قېلىشمايدۇ. ھەربىر ئايال دەۋرنىڭ خاتىرىلىگۈچىسى، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كۈرەش قىلغۇچى.

3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، «8 - مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كەڭ ئاياللارغا بايراملىق بەخت ۋە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى: «يېڭى بىر يىلدا، كەڭ ئاياللارنىڭ يېرىم دۇنيالىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە ئاياللارنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

يېڭى مۇساپىدە، خەلق ئارمىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك. ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى «ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ باشلىنىش يىرىك پىلانى، شۇنداقلا ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۇلۇغۋار لايىھە.

3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يۈزمىليونلىغان خەلقنىڭ ئۆز ئىشى. يېڭى مۇساپىدە، ھەربىر ئۈلۈش ئەجىر ناھايىتى قىممەتلىك، ھەربىر دەستە نۇر يارقىن چاقنايدۇ.

باھار كېلىپ دولقۇن مەۋج ئۇردى، بارلىق شەيئىلەر بەس - بەستە ھاياتىي كۈچكە تولدى. ئىتتىپاقلىشىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.