شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئېلان قىلغان بوران ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىغاندا، 3-ئاينىڭ 14-كۈنى كۈندۈزگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلار، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدىكى شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 11~10 بالغا، ئۆتكۈنچى بوران 14~13 بالغا يېتىدىكەن.
يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۆمۈريول تارماقلىرى ناچار ھاۋارايى ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ-خەتەر ئامىللىرىغا ئالدىن ھۆكۈم قىلىپ، بورانلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان قىسمەن يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش لايىھەسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، بىخەتەرلىك خەۋپ ـ خەتىرىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساقلىنىشنى كۆزدە تۇتۇپ، قاتناشنى توختىتىش تەدبىرىنى قوللاندى. 3-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا قاتنايدىغان T9516 ،T9520 ،T9536 ،K6742 ،K9718 ،K9772 ،K9776 ،K9782 ،K9786 ،Z6516 ،5816 ،7556 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى قاتناشتىن توختايدۇ؛ 3-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا قاتنايدىغان C806 قېتىملىق، T9520 قېتىملىق، T9526 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى قاتناشتىن توختايدۇ، پويىزنىڭ كونكرېت قاتناش ئۇچۇرىدا ۋوگزال ئۇقتۇرۇشى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
تۆمۈريول تارماقلىرى ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ھاۋا ياخشىلانغان ھامان پويىزلارنىڭ قاتنىشىنى ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. قاتناشتىن توختىتىلغان پويىزلارنىڭ بېلىتىنى سېتىۋالغان يولۇچىلار تۆمۈريول 12306 (يان تېلېفون تېرمىنالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئۆز مۇلازىمەت بېلەت سېتىش-ئېلىش ماشىنىسى، ۋوگزال كۆزنىكى ئارقىلىق بېلەت قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ، بىردەك رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ.
تۆمۈريول تارماقلىرى كەڭ يولۇچى دوستلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ھاۋارايى ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىدە تۆمۈريول تىرانسپورتى يەنىلا ئېنىقسىز ئامىللارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن، سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى بار يولۇچىلار تۆمۈريول 12306 (يان تېلېفون تېرمىنالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 12306 مۇلازىمەت تېلېفونى ئارقىلىق ياكى «ئۈرۈمچى ۋوگزالى(乌鲁木齐火车站)» ۋېيبوسى، ۋوگزال رادىيو ئۇقتۇرۇشى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئېكران ئۇچۇرىغا دىققەت قىلىش ئارقىلىق، پويىزلارنىڭ يۈرۈش ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، سەپەرگە چىقىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن سىزگە ئېلىپ كەلگەن قولايسىزلىقلارنى توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «ئۈرۈمچى ۋوگزالى» ۋىيشىن سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى