تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قار ياغىدۇ! تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ! بوران چىقىدۇ! پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھاۋارايى ئەھۋالىنى تېز كۆرۈڭ

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىدا قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت.   مەنبە: شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 17دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە يوللارنى مۇز تۇتۇش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى: مۆلچەرلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 13-كۈنى كېچىدە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربى قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن، يۇقىرىقى كۆپ قىسىم رايونلاردا يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى نۆل سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەنگە چۈشىدىكەن، يوللاردا قار يىغىلىپ، يوللار تېيىلغاق بولىدىكەن، قاتناشقا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان يوللاردا مۇز تۇتۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. (ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئۇچۇر مەنبەسى: دۆلەت ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش مەركىزى)

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 9دىن 53 مىنۇت ئۆتكەندە بوراندىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى: مۆلچەرلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 13-كۈنى كېچىدە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش بالدىن ئالتە بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا 11 بال ئەتراپىدا بوران چىقىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قار-شىۋىرغانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. (ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئۇچۇر مەنبەسى: دۆلەت ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش مەركىزى)

بىرلىكتە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئۈچ كۈنلۈك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتنى كۆرۈپ باقايلى

3-ئاينىڭ 12-كۈنى كېچىدىن 3-ئاينىڭ 13-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە تىيانشان تاغلىق رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يامغۇر ئارىلاش قار ياكى قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ شەرقىدىكى تاغلىق رايونلار، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن؛ يۇقىرىقى رايونلار ۋە تۇرپان شەھىرىدە بەش بالدىن ئالتە بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا 11 بال ئەتراپىدا بوران چىقىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قار-شىۋىرغانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ شەرقىدە تۆت بالدىن بەش بالغىچە قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، قىسمەن جايلاردا چاڭ-توزانلىق ياكى قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، شەرقىي شىنجاڭدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا بەش سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا سەككىز سېلسىيە گىرادۇستىن ئون سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەپ، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلىدىكەن. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.

3-ئاينىڭ 13-كۈنى كېچىدىن 3-ئاينىڭ 14-كۈنى كۈندۈزگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن؛ شەرقىي شىنجاڭدا 6 ~ 5 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا 11 بال ئەتراپىدا ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قار-شىۋىرغانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە شەرقىدە 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، قىسمەن جايلاردا چاڭ-توزانلىق ياكى قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.

3-ئاينىڭ 14-كۈنى كېچىدىن 3-ئاينىڭ 15-كۈنى كۈندۈزگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئازراق قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلار، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن؛ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىن داۋانچىڭغىچە بولغان جايلار، سانجى خۇيزۇ ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ شەرقى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى كونا شامال ئېغىزى ۋە مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ناۋخەي شامال رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇلانباي ۋە خۇڭيەنچى قاتارلىق شامال ئېغىزلىرىدا  9 بالدىن 10 بالغىچە بوران چىقىدىكەن، ئۆتكۈنچى بوران 11 بال ئەتراپىدا بولىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قار-شىۋىرغانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە شەرقىدە 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق بورىنى چىقىدىكەن، قىسمەن جايلاردا چاڭ-توزانلىق ياكى قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تور بېكىتىدىن ئېلىندى

تەسىرگە ئۇچراش ئالدىن مەلۇماتى ۋە خەۋپ-خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى  

1. كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، بوران چىقىدۇ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىدىكى قۇم-بورانلىق ھاۋارايى قاتناش، سەپەرگە چىقىش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، شەھەر قاتنىشى قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.

2. يېقىنقى مەزگىلدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى، شىمالىدىكى تاغلىق رايونلاردا يىغىندى قار كۆپىيىپ، قىسمەن جايلاردا قار كۆچكۈنى يۈز بېرىش خەۋپى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ.

3. 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، شىمالىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك ئۆرلەيدۇ، تاغلىق رايونلاردىكى قىسمەن جايلاردا ئەگىز كەلكۈنى كېلىش ئېھتىماللىقى ئاشىدۇ، ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.