3-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئاپتوموبىل سودىگەرلىرى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ئېلان قىلدى.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ فوتوسى، خەۋىرى) 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، 2025-يىللىق شىنجاڭ 15-مارت خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى 3-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ئويۇن كۆرمەكتە.
بۇ نۆۋەتلىك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى، يېڭى يۈزلىنىشى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىپ، 100دىن ئارتۇق داڭلىق ماركا، 1000 خىل ئاپتوموبىل تىپى كۆرگەزمە قىلىنىپ، نۇرغۇن ئاپتوموبىل ماركىسى ۋە ئىستېمالچىلار قاتنىشىشقا جەلپ قىلىندى. «مۇقىم باھا» بويىچە ئاپتوموبىل سېتىۋالسا ئېتىبار بېرىش بىلەن كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتى تەڭ يولغا قويۇلۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ يۈكى يېنىكلىتىلدى. 80 نەچچە خىل يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىل كۆرگەزمە قىلىندى، بۇ، بازىرى ئىتتىك ۋە يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان نۇرغۇن تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە يەنە ئاپتوموبىل مەدەنىيىتى كاتتا زىياپىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل ھەيدەش لاگېرى، ئاپتوموبىل مودېللىرى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، مودېللار ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ئېكسكۇرسىيەچىلەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولماقتا.

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولماقتا.

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ئاپتوموبىل تاللىماقتا.