تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خامچوت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تېزلىتىپ، مالىيەنىڭ ئاكتىپ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

ۋەكىل مەمتىمىن قادىر قاتارلىقلار تەكلىپ سۇندى:

خامچوت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تېزلىتىپ، مالىيەنىڭ ئاكتىپ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گولىڭ خەۋەر قىلىدۇ: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، خامچوتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنى مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى مەمتىمىن قادىر باشقا 30 ۋەكىل بىلەن بىرلىكتە «خامچوت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى سۇندى.

ۋەكىل مەمتىمىن قادىر مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خامچوت قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ھۆكۈمەتنىڭ كىرىم ـ چىقىم ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، خامچوت چەكلىمىسىنى كۈچەيتىش، ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشقان، ئوچۇق ـ ئاشكارا خامچوت تۈزۈمىنى ئورنىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خامچوت ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوت، نەق چوتنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقاردى، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان خامچوت قانۇنى يۆتكىمە چىقىم، ئۈنۈمنى باشقۇرۇش، ھۆكۈمەت قەرزى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خامچوت باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ھازىرقى يېڭى تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشالماي قالدى.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خامچوت قانۇنى» (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن) 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. ۋەكىل مەمتىمىن قادىر قاتارلىقلار مۇنداق تەكلىپ بەردى: قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى تېزلىتىپ، قانۇن چىقىرىش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، خامچوت قانۇنىنىڭ يۆتكىمە چىقىم، ھۆكۈمەت قەرزى، خەلق قۇرۇلتىيى تەكشۈرۈش ـ نازارەت قىلىش، قانۇن جاۋابكارلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، خامچوت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى نۇسخىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ ھەم كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى ۋاقتىدا قانۇن مەزمۇنىغا ئايلاندۇرۇپ، ياخشى بولغان خامچوت تەكشۈرۈش ـ نازارەت قىلىش تەجرىبىلىرىنى قانۇن ئۆلچىمىگە كۆتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش بىلەن ئىسلاھاتنىڭ بىر ـ بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، مالىيەنىڭ ئاكتىپ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.