ۋەكىل ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار تەكلىپ سۇندى:
دۆلەت بايرىقى قانۇنىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەش تەكلىپى بەردى
شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گولىڭ خەۋەر قىلىدۇ: دۆلەت بايرىقى دۆلەتنىڭ سىمۋولى ۋە بەلگىسى بولۇپ، دۆلەتنىڭ نوپۇزى ۋە ئىززەت ـ ھۆرمىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دۆلەت بايرىقى قانۇنى دۆلەتنىڭ ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى قوغداش، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىكى يادرولۇق قانۇن. 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنى مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋاڭ مىڭشەن باشقا 30 ۋەكىل بىلەن بىرلىكتە «دۆلەت بايرىقى قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىغا قارىتا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى سۇنۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە بىر قېتىم دۆلەت بايرىقى قانۇنىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.
دۆلەت بايرىقى قانۇنى دۆلەت بايرىقىنىڭ توغرا ئىشلىتىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دۆلەت بايرىقىنىڭ ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى قوغداش، پۇقرالارنىڭ دۆلەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىلىي قانۇنى»نىڭ 5 ـ ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە مەمۇرىي نىزاملارنىڭ ئۆز مەمۇرىي رايونىدا يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى. شىنجاڭ دۆلەت بايرىقى قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت بايرىقى قانۇنى تەشۋىق ـ تەربىيەسىنى پائال قانات يايدۇرىدۇ.
ۋەكىل ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار مۇنداق قارىدى: پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە بىر قېتىم دۆلەت بايرىقى قانۇنىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش ناھايىتى زۆرۈر، بۇ، دۆلەت بايرىقى قانۇنىغا ئالاقىدار بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلىرىنىڭ ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.