(2025 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنىدا ماقۇللاندى)
14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى. يىغىن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2025 ـ يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قوشۇلدى، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.
يىغىن مۇنداق تەلەپ قىلدى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەپتىش خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، قانۇننى قاتتىق، ئادىل يۈرگۈزۈپ، ھەربىر دېلونى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى بېجىرىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يېڭى دەۋر تەپتىش پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىپ، جىنايى ئىشلار دەۋاسى، ھەق تەلەپ دەۋاسى، مەمۇرىي دەۋا، ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسىنى تەپتىش قىلىش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ماس، تولۇق راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ ـ ئامان جۇڭگو، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)