تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنىنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى

(2025 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنىدا ماقۇللاندى)

14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى. يىغىن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2025 ـ يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قوشۇلدى، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

يىغىن مۇنداق تەلەپ قىلدى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى سوت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، قانۇننى قاتتىق، ئادىل يۈرگۈزۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يېڭى دەۋر سوت مەھكىمىسى پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىپ، جىنايەتنى جازالاش، خەلقنى قوغداش، نەرسە ھوقۇقى تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تالاش ـ تارتىشنى تۈگىتىش، ئادىللىقنى قوغداش مۇھىم فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ ـ ئامان جۇڭگو، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.