(2025 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنىدا ماقۇللاندى)
14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنى گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان «2024 ـ يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2025 ـ يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات» ھەم 2025 ـ يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈردى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى دوكلاتىغا قوشۇلدى. يىغىن «2024 ـ يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2025 ـ يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات»نى تەستىقلاش، 2025 ـ يىللىق مەركەز خامچوتىنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)