شىنجاڭدا سانائەت باغچە رايونلىرى سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسى ئاشۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، 2025- يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك باغچە رايونىدىن 13ى يېڭىدىن كۆپەيدى. ئۇلار: ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن سانائەت باغچە رايونى، ئالتاي كەسىپلەر باغچە رايونى، قابا سانائەت باغچە رايونى؛ قاراماي شەھىرى مايتاغ سانائەت باغچە رايونى، ئورقۇ سانائەت باغچە رايونى؛ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات سانائەت باغچە رايونى، توقسۇ سانائەت باغچە رايونى، ئۇچتۇرپان چېگرا سودا ھەمكارلىق پىششىقلاش سانائەت باغچە رايونى، كەلپىن سانائەت باغچە رايونى؛ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە- تيەنجىن سانائەت باغچە رايونى، قاراقاش سانائەت باغچە رايونى، چىرا- تيەنجىن سانائەت باغچە رايونى، خوتەن كۇنگاڭ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى.

2025-يىلى 3-ئايغىچە، گوۋۇيۈەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭدا تۈرلۈك سانائەت باغچە رايونى(تەرەققىيات رايونى)دىن جەمئىي 96(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)سى قۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىكتىن 21(جەنۇبىي شىنجاڭدا بەش)ى بار، ئۇلار ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىن ئىككىنى، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىن ئالتىنى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىن تۆتنى، چېگرا ۋە چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىدىن بەشنى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىن تۆتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك باغچە رايونىدىن 75(جەنۇبىي شىنجاڭدا 37)ى بار.