تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ۋارىسلىق قىلىمىز ۋە ئۇنى جانلاندۇرىمىز

ۋەكىل زويا باقىت «ۋەكىللەر يولى»دا ماڭدى −

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ۋارىسلىق قىلىمىز ۋە ئۇنى جانلاندۇرىمىز

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

3 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، خەلق سارىيىنىڭ مەركىزىي زالىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى زويا باقىت «ۋەكىللەر يولى»دا مېڭىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جانلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى چوڭقۇر تەسىراتىنى ھەمبەھرىلىدى.

«كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، مەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى زويا باقىت، جۇڭگو شىنجاڭ ئالتايدىن كەلدىم.» ئۇ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا سۆزىنى باشلىدى: «2024 ـ يىلى، <مېنىڭ ئالتىيىم> ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى يۇرتۇمنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتتى. بۇ جايدا مەنزىرىسى گۈزەل قاناس كۆلى بولۇپلا قالماي، يەنە مەملىكەت بويىچە يەر شەكلى كۆپ خىل، قار تېيىلىش ئەڭ بالدۇر باشلىنىدىغان، قار مەزگىلى ئەڭ ئۇزۇن بولغان كۆكتوقاي قار تېيىلىش مەيدانى بار، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت مىراسى بار».

ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە، ھەر مىللەت خەلق شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق يارىتىپ، ئالتايدا نۇرغۇن قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مىراسلىرىنى قالدۇردى.

مەسىلەن، 2022 ـ يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدىكى تەشۋىقات فىلىمىنىڭ بىرىنچى كۆرۈنۈشى قار ئۇچقۇنلىرىنىڭ ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى باشلانغان جاي − ئالتايغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، يۈز مىليونلىغان تاماشىبىن بۇنىڭدىن 10 مىڭ يىل بۇرۇنقى رەڭلىك قىيا تاش رەسىملىرىنى كۆردى: يىراق قەدىمكى دەۋردە ئالتايدىكى ئەجدادلارنىڭ قولىدا قار تېيىلىش ھاسىسى، پۇتىدا تېرە قار تېيىلىش تاختىسى بار ئىدى، ئۇلار قەددى قامەتلىك بولۇپ، قار دېڭىزىدا ئۇچقاندەك تېيىلاتتى. بۇ ئۆزگىچە كۆرۈنۈش دەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇشنىڭ جانلىق ئىپادىسى، ئۇ زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، دۇنياغا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى يەتكۈزمەكتە.

ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ـ مۇزېي ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى زويا باقىت ئادەتتىكى كۈنلەردە دالىدىكى يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، بوش ۋاقىتلىرىدا يەنە مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى خالىس چۈشەندۈرۈشنى پائال قانات يايدۇردى.

«ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ـ مۇزېي ئورنىدا، ساياھەتچى دوستلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى غەربىي ـ شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئالتۇن قاناتلىق ھايۋان بېزىكى. كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان، رەڭگى پارقىراق بۇ تۇلپار بىلەن <قارلىغاچنى دەسسەپ ئۇچۇۋاتقان ئات>نىڭ ياسىلىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئوخشاشلا كامالەتكە يەتكەن.» زويا باقىت شۇنداق دېگەچ سول قولىنى كۆتۈرۈپ، كۆپچىلىككە بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى كۆرسەتتى، «ئۇلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە شانلىق مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتقان ئۇلۇغ مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى».

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا مەدەنىيلىك يۈكلەنگەن، ئۇ قەدىمدىن ۋە ھازىردىن ھالقىغان، تارىخقا گۇۋاھ بولغان، زويا باقىت باشتىن ـ ئاخىر دىققىتىنى يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا مەركەزلەشتۈردى. «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىش، تارىخنى سۆزلىتىش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم يولى» دېدى ئۇ.

دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى قىيا تاش رەسىملىرى تۈرىدىكى تاش مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، ھەجىمى بىرقەدەر چوڭ، لېكىن ئۇزاق مەزگىل دالىدا ئوچۇق تۇرغاچقا، ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشى، شامالنىڭ ئۇپرىتىشى، جانلىقلارنىڭ زىيان يەتكۈزۈشى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن تۈرلۈك زىيانغا ئۇچرىغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، زويا باقىت رەقەملەشكەن توپلاش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى تولۇق خاتىرىلەپ، ئالاقىدار نەقىش، سىزىقلارنىڭ مەزمۇنىنى ساقلاپ، تاش مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش پەن قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەتقىقات ماتېرىياللىرىنى ساقلاپ قېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەكلىپكە ئالاقىدار تارماقلار پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

بۇ يىل 3 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى رەسمىي يولغا قويۇلدى. 4 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش بويىچە نەق مەيداندا تەكشۈرۈش خىزمىتى جەريانىدا، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ 40 ئەزاسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 107 ئەترەتتىكى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ 653 ئەزاسى بىلەن بىرلىكتە تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا بېرىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ «تەكتى»نى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىدى. ئۇلار يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مۇھىتىنى ئەستايىدىل خاتىرىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان تەسىرىگە ۋاقتىدا ھۆكۈم قىلىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداش ئاساسىي خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلىدى.

«مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە شانلىق مەدەنىيىتى يۈكلەنگەن، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جانلاندۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى يىلتىزىنى قوغدىغانلىق، بۇ، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمەتچىلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.» زويا باقىت مۇنداق بىلدۈردى: مەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش يولىدا داۋاملىق قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.