تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىدىغان بۇ «ۋاكالەت سۆزى» سەمىمىيلىككە تولدى

«پەقەت سىزدە ھەقىقىي قابىلىيەت ۋە ئەمەلىي بىلىم بولسىلا، شىنجاڭدا سىز ئەتىۋارلىنىپ قەدىرلىنىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولىسىز»... 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك، گۇرۇپپىلارنى ئېچىۋېتىش پائالىيىتىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ليۇ خۇڭتاۋ شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشى ئۈچۈن ۋاكالىتەن سۆزلىدى، قىسقىغىنا بىر نەچچە ئېغىز سۆز شىنجاڭنىڭ ئاقىللارغا تەشنا بولۇش سەمىمىيىتىنى يەتكۈزدى، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ئۈنۈمىمۇ ۋەزنىلىك بولدى.

ۋەكىل ليۇ خۇڭتاۋ شىنجاڭنىڭ پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن، تارىم نېفىتلىكىدىكى 10 مىڭ مېتىر بۇرغىلاپ تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت دۇنياۋى پەن تەتقىقات قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا باشلامچىلىق قىلغان ياش ئالىم بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ «چوڭقۇرلۇق»قا يەتكەن ياش دەپ ئاتالدى. ئۇنىڭ شىنجاڭغا ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشتىكى «ۋاكالەت سۆزى»نىڭ ئارقىسىدا، ئۇنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا خىزمەت قىلغان ئەمەلىي كەچۈرمىشى ۋە نەتىجە ئاساسى بار، ئېنىقكى بۇ ئۆزگىچە ئالقىش ئۈنۈمىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش جەھەتتە بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، سانسىزلىغان «تۇلپار»لارنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا بەس ـ بەستە بەيگىگە چۈشۈشكە جەلپ قىلدى. ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشتا ھەم ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ھەم بۇ ھازىر بار بولغان ئىختىساسلىقلارنىڭ «ئۆز كەچۈرمىشىنى مىسال قىلىپ سۆزلەش»تىن ئايرىلالمايدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات مۇھىتى زادى قانداق؟ بۇ جەھەتتە شىنجاڭ تۇپرىقىغا «ئەجىر سىڭدۈرگەن» ئىرادىلىك زاتلارنىڭ ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار.

ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆزىدە «ماگنىت مەيدانى» بولىدۇ. ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى تەۋسىيە قىلىش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى توپلاشتىن ئىبارەت جاھاندىكى تالانتلىقلارنى كەڭ دائىرىدە جەلپ قىلىدىغان بۇ مۇھىم ۋاسىتىنى چىڭ تۇتقاندىلا، مۇقەررەر تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلار شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مېھىرلىك تۇپراققا ئۆزىنى بېغىشلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.