تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئانار سۈرەتلەر توپلىمى . سىن-سۈرەتتىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى | 24 ياشلىق شىنجاڭلىق قىز پولات سىمدا «بوشلۇقتىكى بالېت»نى ئورۇنلىدى

3-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى دىدا سېرك ئۆمىكىدە، ھەبىبىگۈل بالېت ئايىغى كىيىپ، پولات سىمدا لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى. 

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر چىن مېيخۇا فوتوسى، خەۋىرى) ئېگىز بوشلۇقتا ئارغامچىدا مېڭىشنى ئاڭلىغان، لېكىن سىز پولات سىم ئۈستىدە بالېت، چەمبىرەك ئوينىغانلارنى كۆرگەنمۇ؟ ئۈرۈمچىدە «پولات سىم ئۈستىدىكى ئۇسسۇلچى» —— 24 ياشلىق ھەبىبىگۈل مالىك ئىسىملىك بىر قىز بار. ئۇ 10 سانتىمېتىرلىق ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ، ئېگىز بوشلۇقتىكى پولات سىم ئۈستىدە تۈز يەردە ماڭغاندەك مېڭىپلا قالماي، يەنە بالېت ئايىغى كىيىپ، پولات سىم ئۈستىدە لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشەلەيدۇ، شۇڭا رېئال نۇسخىدىكى «بوشلۇقتىكى بالېت» دەپ ئاتالدى!

  «ئېگىز بوشلۇقتا ئارغامچىدا مېڭىش» يەنە «دارۋازلىق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ شىنجاڭدا كەڭ تارقالغان سېرك ئويۇنى تۈرى. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ھەر خىل سېرىك ماھارەتلىرىنى نەچچە ئون مېتىر ئېگىزلىكتىكى پولات سىمدا ئورۇنلايدۇ. 2006-يىلى، «دارۋازلىق» جۇڭگونىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

  3-ئاينىڭ 7-كۈنى، ھەبىبىگۈل چەمبىرەك ئويۇنى مەشىق قىلماقتا. ئۇنىڭ ئويۇنلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈردە، ئۇ يۇقىرى بوشلۇقتا ئارغامچا ئۈستىدە ماڭغاچ چەمبىرەك ئويۇنى ئوينايدۇ.

  ھەر قېتىم ئويۇن قويۇشتىن بۇرۇن، ھەبىبىگۈل ئۆزىگە ئىنچىكىلىك بىلەن گىرىم قىلىدۇ. (3-ئاينىڭ 7-كۈنى فوتوسى)

  ھەبىبىگۈل 11 يېشىدىن باشلاپ دارۋازلىق ماھارىتىنى ئۆگەنگەن، ھازىرغا قەدەر 13 يىل بولدى. ئۇ تۇرۇشلۇق يېڭىسار ناھىيەسى ئادىل دارۋازلىق سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى شىنجاڭدىكى داڭلىق سېرك سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ئورنى. ھەبىبىگۈل بۇ يەردە كۈن-كۈنلەپ مەشىق قىلىپ، ئەڭ ئاساسىي تەڭپۇڭلۇق مەشىقىدىن باشلاپ، پولات سىم ئۈستىدە بالېت ئۇسسۇلى ئويناش، چەمبىرەك ئوينىتىش قاتارلىق قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ماھارەتلەرنى تەدرىجىي ئىگىلىدى.

  «مەشىقنى دەسلەپ باشلىغاندا، يەردىن بەش سانتىمېتىرلا ئېگىزلىكتىكى پولات سىم ئۈستىدە مېڭىشنى باشلاپ، ئاندىن ئاستا ئاستا ئېگىزلىتەتتۇق، ھەر كۈنى ئون سائەت مەشىق قىلاتتۇق، يىقىلىپ چۈشۈش ئادەتتىكى ئىش ئىدى» دېدى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ھەبىبىگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ. پولات سىمدا مېڭىشنى ئەڭ دەسلەپ مەشىق قىلغان كۈنلەرنى ئەسلىگىنىدە، ئۇنىڭ ئېسىدە شۇنداق ئېنىق ئەسلىمىلىرى بار ئىدى: «ئۇ چاغلاردا، پولات سىم ئۈستىدە تۇرۇپ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشنىڭ ئۆزى ناھايىتى تەس ئىدى، مېڭىشنى دېمەيلا قويايلى. پولات سىم بەك ئىنچىكە، دەسسىگەندە تەۋرىنىپ كېتىدۇ، بەدەن سەل قىيسىيىپ قالسىلا ئېغىرلىق مەركىزىنى يوقىتىپ قويىدۇ». ئاساسىي ماھارەتنى ياخشى مەشىق قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ھەر كۈنى تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدىكى پولات سىم ئۈستىدە قايتا-قايتا مەشىق قىلاتتى، بىر تۇرغىنىچە نەچچە سائەت تۇراتتى. «پۇتۇمنىڭ ئاستى سۇلۇق قاپارتما بولۇپ كېتەتتى، يېرىلىپ ئەمدىلا ساقىيىپ تۇرۇشىغا يەنە يېرىلىپ كىتەتتى، كېيىن ھەممىسى قېلىن قاداق بولۇپ كەتتى».

  3-ئاينىڭ 7-كۈنى، ھەبىبىگۈل يەر يۈزىدە بالېت ئۇسسۇلى مەشىق قىلماقتا.

  بىر جۈپ بالېت ئايىغى كەيگىلى ئىككى يىل بولمايلا پولات سىمدا مېڭىپ ئۇپراپ، چوڭقۇر يېرىقچىلار پەيدا بولدى. 3-ئاينىڭ 6-كۈنى، ھەبىبىگۈل ئۆزىنىڭ بالېت ئايىغىنى كۆرسەتمەكتە.

     «لېكىن ھەر قېتىم يىقىلسام، ئۆزۈمگە يەنە بىر قېتىم سىناپ باقسام، چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمەن دەيتتىم!» ئۇ مۇشۇ چىدامچانلىقى بىلەن بارا-بارا بۇ ماھارەتنى ئىگىلىدى: «پولات سىمدا مېڭىشتا ئەڭ مۇھىمى دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش، ئالدى تەرەپتىكى بىر نۇقتىغا تىكىلىپ قاراش، بەدەننى ئەركىن قويۇپ بېرىش، خۇددى ئادەتتە يول ماڭغانغا ئوخشاش نەپەسنى تەكشى ئېلىش كېرەك». تەڭپۇڭلۇق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۇ يەنە پولات سىمدا بىر پۇتتا ئۆرە تۇرۇش، بۇرۇلۇش، ھەتتا سەكرەشنى مەشىق قىلدى. ھازىر ئۇ ھەر كۈنى يەر يۈزىدە قول بىلەن يەرنى تۇتۇپ تىك تۇرۇش، بالېت ئۇسسۇلى قاتارلىق ئاساسىي ماھارەتلەرنى تۆت سائەت مەشىق قىلىدۇ. «ئەڭ قىيىن بولغىنى ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ پولات سىم ئۈستىدە مېڭىش. ئاياغنىڭ پاشنىسى بەك ئىنچىكە، تېگىشىش يۈزى كىچىك بولغاچقا، سەللا دىققەت قىلمىسا تېيىلىپ كېتىدۇ». ئۇ بۇ ھەرىكەتنى ياخشى مەشىق قىلىش ئۈچۈن قانچە قېتىم يىقىلغانلىقىنى بىلمەيدۇ، لېكىن ھەر قېتىم چىشىنى چىشلەپ بەرداشلىق بېرىپ كەلدى.

   ھازىر، ھەبىبىگۈلنىڭ ئويۇنى ئادىل دارۋازلىق سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىنىڭ يارقىن مەدەنىيەت كارتىسىغا ئايلاندى. ئۇ تۈرلۈك چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەردە ئۆزىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە تور سۇپىسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە دارۋازلىق سەنئىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى. تورداشلار ئۇنىڭ جاسارىتى ۋە ماھارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇپ، ئۇنى «پولات سىم ئۈستىدىكى زېرەكچاق» دەپ ئاتاشتى.

  3-ئاينىڭ 7-كۈنى، ھەبىبىگۈل بوشلۇقتا ئارغامچا ئۈستىدە مېڭىشنى مەشىق قىلماقتا.

  3-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى دىدا سېرك ئۆمىكىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانىدا، تاماشىبىنلار ھەبىبىگۈلنىڭ كۆرسەتكەن ماھارىتىگە ئالقىش ياڭراتماقتا.

  2024-يىلى 11-ئايدا، ھەبىبىگۈل 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتى ھەم مۇنەۋۋەر دارۋاز مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. «مەن تېخىمۇ چوڭ سەھنىگە چىقىپ دارۋازلىق ئويۇنى كۆرسىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بۇ سەنئەتنى چۈشىنىش ۋە ياخشى كۆرۈش پۈرسىتىگە ئىگە قىلىمەن.» ھەبىبىگۈل مۇنداق دېدى: «بۇ، جاسارەت ۋە ئىرادە تەلەپ قىلىدىغان سەنئەت، مەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىمەن».

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.