تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شەپەق نۇرى قارلىق تاغنى جۇلالاندۇردى، تولىمۇ گۈزەل!

   يېقىندا، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ غەربىي تاغ يېزىسىدا قارلىق تاغ، كۆك ئاسمان، بۇلۇت ۋە تۇمانلار كەچكى شەپەق بىلەن گىرەلىشىپ، ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە نامايان بولدى.

   تىيانشان تېغى ئاپئاق مامۇق چاپان كىيىپ، يەر بىلەن ئاسمان ئارىسىدا جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، تۇتاش كەتكەن تاغ تىزمىلىرى تولغىنىپ ياتقان، چوققىلىرى بۇلۇتقا تاقاشقان بولۇپ، سۈپسۈزۈك كۆك ئاسمان بىلەن بىر-بىرىنى جۇلالىنىپ تۇراتتى.

   چۈشتىن كېيىن، بۇلۇت ۋە تۇمانلار خۇددى نېپىز شايىدەك ئاستا-ئاستا يېيىلىپ، تاغ جىلغىسىدا خۇددى يىپەككە ئوخشاش يەلپۈنۈپ، قارلىق تاغ قاپتىلىنى تولىمۇ كۆركەم زىننەتلىدى.

   ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، قۇياش ئاستا-ئاستا غەربكە پاتتى، قارلىق تاغمۇ كەچكى شەپەق نۇرىدا بېزەلدى، ئاپئاق قار چوققىسى ئىللىق قىزغۇچ سېرىق رەڭگە ئۆزگەردى، ئۆزگىرىشچان رەڭ ۋە نۇر سايىسى ھەر بىر سېكۇنت، ھەر بىر دەقىقىدە ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى.

فوتوگراف: ساۋ شىنجيا

«视觉新疆» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.