3-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدىكى پائالىيەت نەق مەيدانىدا، خىزمەتچى خادىملار «ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ» ناملىق شياڭشېڭنى ئورۇندىماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر لى رۇي فوتوسى ۋە خەۋىرى) 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى «3.15» پۇل مۇئامىلە ئىستېمالچىلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش تەربىيەسى تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
نەق مەيداندا، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن داقا-دۇمباق ئويۇنى نۇرغۇن ئاھالىنى جەلپ قىلدى. شياڭشېڭ، سەنجۈبەن ئورۇنلىنىپ ئاھالىلەرنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىستېمال ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا بولغان چۈشەنچىسى ۋە ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسى تېخىمۇ ئاشۇرۇلدى. «ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ» ناملىق شياڭشېڭغا «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش قىلتىقى»، «تېلېگراف ئالدامچىلىقى» قاتارلىق تىپىك دېلو مىساللىرى ئەپچىللىك بىلەن سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، ئارتىسلار يۇمۇرلۇق دىيالوگ ۋە قىزىقارلىق بەدەن ھەرىكىتى ئارقىلىق، مۇرەككەپ قانۇنسىز قىلمىش-ئۇسۇللارنى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تۇرمۇش كۆرۈنۈشىگە ئايلاندۇرۇپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى كۈلدۈرۈۋەتتى.
نەق مەيداندا يەنە «پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت پونكىتى» تەسىس قىلىنىپ، ئاھالىلەر، يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە پۇل مۇئامىلە جەھەتتە ياردەم بېرىلدى، ئاھالىلەر يەنە دېبېت كارتىسى، ئالىقاندىكى بانكا، ئىناۋەت كارتىسى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە چىقىم مۇلازىمەتلىرىنى ھېس قىلدى.


3-ئاينىڭ 11-كۈنى، نەق مەيداندىكى قىزىقارلىق، يۇمۇرلۇق ئويۇنلار تاماشىبىنلارنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى.

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار ئاھالىلەرگە پۇل مۇئامىلە بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى