تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بېكىتىلدى! 3-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ!

   3-ئاينىڭ 11-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ 1-نۆۋەتلىك ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرغۇچىلار كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى ھەم 3-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسى 3-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

    بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان، ئاپتونوم رايونلۇق تېخنىك ئىشچىلار مائارىپى ۋە ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مەركىزى، شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. مۇسابىقىدە «ئۇلۇغۋار غايىنى ماسلاشتۇرۇش ماھارەت ئارقىلىق كەلگۈسىنى يېتەكلەش» باش تېما قىلىنغان، بۇنىڭدا كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرغۇچىلار قوشۇنىنى كەسىپلەشتۈرۈش، كەسپىيلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكىگە ئىگە قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 3-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ماھارەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن مۇنەۋۋەر ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرغۇچى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تاللاشنى مەقسەت قىلىنغان.

   بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 2-تۈردىكى كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئوبيېكتلار ئاساسلىقى كارخانىلاردىكى كادىرلار ئىشلىرى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئەمگەك ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتچى خادىملار؛ يەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى، ساھە جەمئىيەتلىرى، كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىكى كوللېكتىپ توختام، كوللېكتىپ كېڭىشىش، دېموكراتىك باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىزمەتچى خادىملار؛ يېزا-بازار (كوچا، مەھەللە)، كەسىپلەر باغچە رايونى (سانائەت باغچە رايونى) ئاساسىي قاتلام سۇپىسىدا ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىزمەتچى خادىملار، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى كوللېكتىپ كېڭىشىش يېتەكچىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە دەرىجىگە ئايرىپ تاللاش، مەركەزلىك مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى بويىچە تەشكىللىنىدىكەن، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ھەم ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدىكەن، نۆۋەتتە، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى تاللاش مۇسابىقىلىرى پۈتۈنلەي ئاياغلاشقان بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.