
ساۋمېي يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار بۇ ياققا قاراڭلار!
پارنىكتا ساۋمېي ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھازىر مەيلى ئەتىياز، ياز، كۈز، قىش بولسۇن، كۆڭۈلدىكىدەك ساۋمېي يېيەلەيدىغان بولدۇق. ساۋمېي يېيىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟ سىز ساۋمېينى راستتىنلا پاكىز يۇيدىڭىزمۇ؟ ساۋمېينى قانداق يۇيساق توغرا بولىدۇ؟
ساۋمېي يېيىشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟
ساۋمېي ئادەتتىكى مېۋە ئەمەس، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مېۋىلەر ئىچىدە بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە.
VC مىقدارى يۇقىرى
ھەر 100 گىرام ساۋمېيدا 47 مىللىگىرام ۋىتامىن C بولىدۇ، بۇ ئاپېلسىن، لىموننىڭكىدىنمۇ يۇقىرى. ساۋمېي تەركىبىدە خۇاچىڭسۇ مول بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا ۋە ياللۇغقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك.
ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن
100 گىرام ساۋمېي يېگەندە، ئاران 32 كىلوكالورىيە ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىنىدۇ. ساۋمېي تەركىبىدە لىمون كىسلاتاسى، ئالما كىسلاتاسى مول بولۇپ، ئورۇقلىماقچى بولغان دوستلارغا ماس كېلىدۇ.
قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
ساۋمېيدا يېمەكلىك تالاسىنىڭ مىقدارى گەرچە ئوتتۇراھال بولسىمۇ، لېكىن ئاساسلىقى سۇدا ئېرىشچان يېمەكلىك تالاسى بولۇپ، قەۋزىيەت بولۇپ قالغان دوستلارغا ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ساۋمېينىڭ يۈزىدە نۇرغۇن كىچىك «ئۇرۇق»لار بولۇپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋەتمەيدۇ
ساۋمېينىڭ قەنت مىقدارى يۇقىرى ئەمەس، ئۇنىڭ قان شېكىرى ھاسىل قىلىش كۆرسەتكۈچى (GI) ئاران 40. بىر قېتىمدا تەخمىنەن 200 گىرام ساۋمېي يېسە كۇپايە، بۇنداق بولغاندا قان شېكىرىنىڭ يۈكى (GL) ئاران 4.5 بولىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن تۆۋەن GI، تۆۋەن GL مېۋە بولۇپ، قان شېكىرىنى كونترول قىلىشقا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ.
ساۋمېينى قانداق يۇيسا ئەڭ پاكىز بولىدۇ؟
ئۇنداقتا، ساۋمېينى قانداق يۇيسا ئەڭ پاكىز بولىدۇ؟ تەتقىقاتلاردا سۇنى ئېقىتىپ يۇيۇش، ئوزون، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ساۋمېيدىكى 16 خىل دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنى يوقىتىش ئۈنۈمى سېلىشتۇرۇلغان. نەتىجىدە، سۇنى ئېقىتىپ يۇيغاندا %19.8تىن %68.1كىچە دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدىغانلىقى، ئوزوندا يۇيغاندا %36.1تىن %75.1كىچە دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدىغانلىقى، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنى يۇيغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ، %91.2 دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنى يوقاتقىلى بولىدىغانلىقى بايقالدى.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ساۋمېينى يۇيغاندا ساپىقىنى ئېلىۋەتمەسلىك كېرەك. تەتقىقاتچىلار تاللا بازىرى، مېۋە دۇكىنى، يول بويىدىكى مېۋە يايمىسىنىڭ ھەربىرىدىن 3 كىلوگىرامدىن ساۋمېي ئېلىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 8 بۆلەككە بۆلۈپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكى رەسىمدىكى سەككىز خىل يۇيۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئوخشاش بولمىغان يۇيۇش ئۇسۇلىنىڭ ساۋمېي ئەۋرىشكىسىدىكى دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىغا بولغان تەسىرىنى سېلىشتۇرغان.


تەجرىبە نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە، ساپىقىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن يەنە چىلانغان ساۋمېيدا دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقلىرى نىسبەتەن يۇقىرىراق بولغان، لېكىن ساپىقىنى ئېلىۋەتمىگەن ساۋمېيدا دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقلىرى نىسبەتەن ئاز بولغان.
ساۋمېينىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى بىر قەدەر بوش بولۇپ، ساپىقى ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن(كېسىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ساۋمېينىڭ ئىچكى قىسمى خۇددى ئېغىزى ئوچۇق «قاچا»غا ئوخشاپ قالىدىغان بولۇپ، سىرتقى يۈزىگە يېپىشىۋالغان مەينەت نەرسىلەر ساۋمېينىڭ ئىچىگە كىرىۋالىدۇ، شۇڭا يۇيغانسېرى مەينەت بولۇپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئادەتتە ساۋمېينى يۇيغاندا، ئالدى بىلەن تۇرۇبا سۈيى بىلەن چايقاپ، ئاندىن سۈزۈك سۇ، سۇس تۇز سۈيى ياكى گۈرۈچ يۇيغان سۇغا بەش مىنۇت چىلاپ، ئاندىن يەنە بىر قېتىم چايقىۋەتسىلا بولىدۇ.

ئاخىرىدا كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ساۋمېينى يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيۇشنى تەۋسىيە قىلمايمىز، چۈنكى ئۇنىڭدىكى قالدۇق ماددىلارنىڭ بىخەتەرلىكى تېخى باھالاپ چىقىلمىدى، ئۇنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكى تېخى سىناقتىن ئۆتمىدى ياكى ئۆلچەملەشتۈرۈلمىدى.
«مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسسىسى خەۋەرلىرى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى