تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2025-يىللىق شىنجاڭ «15-مارت» خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى باشلاندى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ) 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، 2025-يىللىق مەملىكەت بويىچە تۇنجى مەيدان + B دەرىجىلىك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى —— 2025-يىللىق شىنجاڭ «15-مارت» خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى 3-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

   بۇ نۆۋەتلىك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرگەزمە كۆلىمى 100 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 100دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ماركىسى توپلاندى، 1000 خىلدىن ئارتۇق  ئاپتوموبىل تىپى كۆرگەزمە قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە 80 خىلدىن ئارتۇق يېڭى ئاپتوموبىل تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىندى. ھەر قايسى چوڭ ئاپتوموبىل ماركىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەيدەش تېخنىكىسى ۋە كەلگۈسى سەپەرگە چىقىش ئىدىيەسىنى بەس-بەستە نامايان قىلىپ، ئىستېمالچىلارنى تۈرلۈك ئاپتوموبىل تىپلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش پۇرسىتىگە، شۇنداقلا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تېخنىكىسى ۋە ئىقتىدارىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  بىيادى ئاپتوموبىل شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەيدەش تېخنىكىسىغا ئىگە ئاپتوموبىل تىپىنى بازارغا سېلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي فوتوسى

ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا ماشىنا ئىتنىڭ قويغان ئويۇنى نۇرغۇن ئىستېمالچىنى جەلپ قىلماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي فوتوسى

ئىستېمالچىلار ئاپتوموبىل كۆرمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي فوتوسى

   بۇ يىل، شىنجاڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ دائىرىسىنى كۈچەپ كېڭەيتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش ياردەم پۇلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20 مىڭ يۈەنگە، ئاپتوموبىللارنى ئالماشتۇرۇپ يېڭىلاش ياردەم پۇلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 15 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ئاپتونوم رايوننىڭ سودا تارماقلىرى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا مەسلىھەت سوراش سۇپىسى تەسىس قىلىپ، ئاپتوموبىل سېتىۋالماقچى بولغان ئىستېمالچىلارغا ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش - تەكشۈرۈش سۇپىسى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىستېمالچىلار «مەملىكەت بويىچە ئاپتوموبىل ئوبوروت ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش(全国汽车流通信息管理)» سىستېمىسى تور بېكىتى ياكى «ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش(汽车以旧换新)» كىچىك پىروگىراممىسى ئارقىلىق ياردەم پۇل مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. ھازىرغىچە 7526 ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش ۋە ئالماشتۇرۇپ يېڭىلاش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىنغان.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.