تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش

@ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر دىققەت! ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كەسپىي ئورۇنلار 392 كىشى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى

 بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كەسپىي ئورۇنلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە يۈزلىنىپ 392 كىشى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى. 3-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە تىزىملىتىش باشلاندى، 3-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 18دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئاخىرلىشىدۇ.

   مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىگەن خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: تەلەپ بويىچە، تىزىمغا ئالدۇرغانلار چوقۇم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدە بولۇشى، تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. 30 ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولۇشى (دوكتور ئاسپىرانتلارنىڭ يېشىنى 35 ياشقىچە كېڭەيتىشكە بولىدۇ) كېرەك. 30 ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەنلەر 1994-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى (مۇشۇ كۈننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن كېيىن تۇغۇلغانلارنى، 35 ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەنلەر 1989-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى (مۇشۇ كۈننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن كېيىن تۇغۇلغانلارنى كۆرسىتىدۇ.

  تىزىملىتىش توردا تىزىملىتىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت سۇپىسى (https://wlmqrs.cn) كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھانى دېگەن مەخسۇس ئىستونغا كىرىپ تىزىملاتسا بولىدۇ.

    يېزىقچە ئىمتىھان بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئېلىنىدۇ

   ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، يېزىقچە ئىمتىھان باھالاپ تەكشۈرۈش، سالاھىيەت تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېلىنىدۇ. يېزىقچە ئىمتىھاننىڭ ئوبيېكتى باھالاپ تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ، كىرگۈزىدىغان ئادەم سانى بىلەن تەكلىپ قىلىنىدىغان ئادەم سانى 1:5 نىسبەتتىن تۆۋەن بولماسلىق شەرتى بويىچە يېزىقچە ئىمتىھاننىڭ ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتىلىدۇ. بەلگىلەنگەن نىسبەتكە يەتمىگەن ئىش ئورۇنلىرىغا ئەمەلىي ئادەم سانى بويىچە يېزىقچە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلار بېكىتىلىدۇ.

    كونكرېت ۋاقتى، ئۇسۇلى ۋە ئورنىنى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزگەن ئورۇنلاردىكى مەسئۇل تارماقلار ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ ھەم خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغۇچىغا ئۇقتۇرىدۇ. 

  كىرگۈزۈلگەن ئىختىساسلىقلار دۆلەت بەلگىلىگەن مائاش، ئۈنۈم مۇكاپاتىدىن باشقا، يەنە تۇرمۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇش پۇلى، ئۆي سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى قاتارلىق سىياسەت تەمىناتى كاپالىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.