تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

دۆلەت سىزنى ئورۇقلاڭ دەيدۇ! مەخپىيەتلىكنى ساقلاش بىلەن ئورۇقلاش ئوخشاش، ئاۋۋال ئېغىزنى باشقۇرۇش كېرەك

    بۇ يىلقى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، «ئورۇقلاش» كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان خەلق تۇرمۇشىدىكى قىزىق نۇقتىلىق سۆزگە ئايلاندى. دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لېي خەيچاۋ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى جاڭ ۋېنخۇڭنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ تەشەببۇس قىلىشىدا، نۇرغۇن كىشى ھەۋەس بىلەن سۆزلەپ كەتتى. 

    دۆلەت ئومۇمىي خەلقنى «بەدەن ئېغىرلىقىنى ياخشى باشقۇرۇش، ساغلاملىقىنى قوغداش»قا چاقىردى، نۇرغۇن مۇتەخەسسىس: ئەڭ مۇھىم بىرىنچى قەدەم «ئېغىزنى باشقۇرۇش» بولۇشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئەمەلىيەتتە، بىز ساغلاملىق ئۈچۈنلا «ئېغىزىمىزنى باشقۇرۇپ قالماي»، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتىدىمۇ مەخپىيەتلىكنىڭ ئېغىزدىن چىقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. 

مەخپىيەتلىكنى ساقلاش بىلەن ئورۇقلاش ئوخشاش 
بىرىنچى قەدەمدە «ئېغىزنى باشقۇرۇش» كېرەك

    بىلىش كېرەككى، بىلىپ-بىلمەي گەپ-سۆزدە كونتروللۇقنى يوقىتىش دۆلەت مەخپىيەتلىكىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. «دېيىشكە تېگىشلىك بولمىغاننى قەتئىي دېمەسلىك»تىن ئىبارەت بۇ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش پولاتتەك ئىنتىزامنى مەيلى خىزمەت ئورنىدا بولسۇن ياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا بولسۇن، ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك.

 ۋىيشىن «خەتەرلىك ئۇچۇر»غا ئايلانغاندا: 
ساۋما قىلىشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى %100 بولىدۇ
 مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇش سۈرئىتى %100 بولىدۇ

    كۆچمە ئالاقە دەۋرىدە، «مەخپىيەتلىككە چېتىلسا تورغا چىقماسلىق، تورغا چىقسا مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىماسلىق»نى چوقۇم ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك، پەيتلىك خەۋەرلىشىش قورالىنى ئىشلىتىپ سەزگۈر ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ، يان تېلېفون يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىپ مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ھۆججەتلەرنى ساۋما قىلىپ پەرقلەندۈرۈش قاتتىق چەكلىنىدۇ، بارماق ئۇچىدىكى ھەر بىر قېتىملىق چېكىشنىڭ ھەممىسىنى بىخەتەرلىك سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. 

 ئۇ بىر «گۆھەر»، سىزنى خۇشال قىلىدۇ

 سىز بىر «كاپالەت»، قەلبىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ

   مەۋھۇم بولغان جەمئىيەت ئالاقىسى دۇنياسىدا، ئېزىقتۇرۇشلار دائىم چىرايلىق تونغا ئورۇنۇۋېلىپ ئاستا-ئاستا يۈز بېرىدۇ. شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەك ئوقىنىڭ ئارقىسىدا يامان نىيەتلىك مەخپىيەتلىك ئوغرىلىرى بار. چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ھەممە يەردە دىققەت قىلغاندىلا، دۆلەت مەخپىيەتلىك بىخەتەرلىكىنى قوغدىغىلى بولىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.