تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭلىق يىگىتنىڭ «يىپەك يولى پىساسى» قانداق قىلىپ ئىتالىيەلىك باھالىغۇچىلارنىڭ تەم سەزگۈسىنى مايىل قىلىۋالدى؟

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، يۈەن جېن پېچ دۇخۇپكىدا پىسا پىشۇرماقتا.

   تۆگە سۈتى، يېڭى ئەنجۈر، شىنجاڭ شوخلىسى ... شىنجاڭنىڭ تەبىئىي يېمەكلىك ماتېرىياللىرى پېچ دۇخۇپكىدا پىشۇرۇلىدىغان پىساغا قوشۇلدى، بۇ، ئىتالىيەلىك يېمەك-ئىچمەك باھالىغۇچىلارنىڭ تەم سەزگۈسىنى  مايىل قىلىۋالدى.

   3-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئىتالىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2 -نۆۋەتلىك ئىتالىيە پىساسى دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلگەن تاللاش مۇسابىقىسىدە، ئۈرۈمچىلىك يىگىت يۈەن جېن «يىپەك يولى»نى تېما قىلغان ئىجادىي پىساسى بىلەن پۈتۈن مەيداندىكىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ، چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.

  ئۇ جۇڭگوغا ۋاكالىتەن 2026-يىلى ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 33-نۆۋەتلىك ئىتالىيە پىساسى دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.

   3-ئاينىڭ 11-كۈنى، يۈەن جېن 2-نۆۋەتلىك ئىتالىيە پىساسى دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ جۇڭگودىكى تاللاش مۇسابىقىسىدە ئېرىشكەن چېمپىيونلۇق لوڭقىسى ۋە گۇۋاھنامىسىنى كۆرسەتمەكتە.

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، يۈەن جېن پىشۇرۇش ئالدىدا تۇرغان پىساغا شىنجاڭنىڭ قاتۇرۇلغان تۆگە سۈتىنى قوشماقتا.

   يۈەن جېننىڭ پىسا بىلەن بولغان ئۈزۈلمەس رىشتى 2015-يىلى باشلانغان. ئەينى چاغدا، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىدە داشۆدە ئوقۇۋاتقان يۈەن جېن پىسا دۇكىنىدا ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇغان ھەم  پىسا پىشۇرۇشنى ئۆگەنگەن.

   2017-يىلى داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۈەن جېن ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بىلەن يۇرتىغا قايتىپ، ئۈرۈمچىدە تۇنجى گومۇ پېچ دۇخۇپكىدا پىسا پىشۇرۇش دۇكىنى ئاچقان. مەززىلىك تائاملارغا بولغان قىزغىنلىقى ۋە ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىش روھى بىلەن ئۇنىڭ پىسا دۇكىنى ناھايىتى تېزلا ئۆزگىچە تەمى بىلەن خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ياشنى بۇ يەرگە كېلىپ ھۈنەر ئۆگىنىشكە جەلپ قىلغان.

   يۈەن جېن ھەمىشە ھۈنىرىنى قالدۇرماي ئۆگىتىپ، ياشلارنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرغان.

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، يۈەن جېن كۇرسانتلارغا پېچ دۇخۇپكىدا پىسا پىشۇرۇش جەريانىنى تونۇشتۇرماقتا.

   بۇ قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشقاندا، يۈەن جېن شىنجاڭنىڭ خاس يېمەكلىكلىرىنى پىساغا قوشۇپ، تۆگە سۈتىدىن پىشلاق ۋە ئېرىمچىك ياساپ، ئۇنىڭغا ئۈزۈم ھارىقى بىلەن سۈرلەنگەن كالا گۆشى قېزىسى، قىزىل ھاراق شەربىتى، شۇنداقلا شىنجاڭ شوخلىسى، يېڭى ئەنجۈر قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، «يىپەك يولى»دىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

   بۇ مۇسابىقىگە ئۇستا ماھىرلار كۆپلەپ قاتناشتى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 30 نەپەر پىسا پىشۇرۇش ماھىرى كەسكىن رىقابەتكە چۈشتى، يۈەن جېننىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى ئەڭ ئاخىرىدا كۆزگە كۆرۈنۈپ، ئىتالىيەلىك يېمەك-ئىچمەك باھالىغۇچىلارنىڭ تەم سەزگۈسىنى مايىل قىلىۋالدى.

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، يۈەن جېن پېچ دۇخۇپكىدا پىشىۋاتقان پىسانى كۆزەتمەكتە.

   يۈەن جېن چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن، «دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىم پەقەت يېڭى مۇساپىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى» دېدى.

   بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ مەشىقنى چىڭ تۇتۇپ، خەلقئارا مۇسابىقە مەيدانلىرىدا شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، دۇنيادىكىلەرنى شىنجاڭ تەمىگە ئېغىز تەگكۈزمەكچى بولدى.

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، يۈەن جېن ئۆزى ئاچقان پىسا دۇكىنىدا خېرىدارلارغا پىسا تونۇشتۇرماقتا.

«كۆرۈنۈشتىكى شىنجاڭ»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.