ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ داشۆدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل بۇ مەكتەپ «ئەلا سۈپەتلىك تولۇق كۇرس ئوقۇتۇش بايلىقىنى كېڭەيتىش» پىلانىنى يولغا قويۇپ، 2025-يىلى تولۇق كۇرسقا 355 ئوقۇغۇچىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىدىكەن.
شىنجاڭ داشۆنىڭ «ئەلا سۈپەتلىك تولۇق كۇرس ئوقۇتۇش بايلىقىنى كېڭەيتىش» پىلانى دۆلەتنىڭ ئالىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە ئاۋاز قوشۇش، جەمئىيەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئىختىساسلىقلارغا بولغان تەخىرسىز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، مەكتەپ دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇدۇللىشىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان كەسىپلەرنى تەسىس قىلىشتا پەن، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ھەرىكەتچان تەڭشەش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە بايلىقنى دەل جايىدا تەقسىملەش ئارقىلىق، ئالىي مائارىپ بىلەن رايون كەسىپلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ماس ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
مەكتەپ دىققەتنى يېشىل كانچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق كەسىپلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى تەربىيەلەش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرىدۇ؛ كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ ئەمەلىيەت بازىسى قۇرۇپ، قوللىنىشچان، بىرىكمە تىپتىكى ئىختىساسلىقلار بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىدۇ؛ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش سۈپىتىنى كەسىپ ئېھتىياجى بىلەن دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى