ئەتىياز پەسلىدە بارلىق شەيئىلەر جانلىنىدۇ، بىراق بۇ ھەم تېرە مەسىلىسىمۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان مەزگىل. تېمپېراتۇرىنىڭ بىردەم سوغۇق، بىردەم ئىسسىق بولۇشى، ھاۋا نەملىكىنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆزگىرىشى تېرىنى ئىنتايىن سەزگۈر ۋە ئاجىز قىلىپ قويىدۇ، سەللا بىخەستەلىك قىلىنسا، تېرە كرىزىسىغا پېتىپ قېلىشى مۇمكىن. قانداق قىلغاندا بۇنداق ئۆزگىرىشچان پەسىلدە تېرىنى توغرا ئاسراپ، خاتا قاراشلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟
بۈگۈن بېيجىڭ داشۆ خەلق دوختۇرخانىسى تېرە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ لى خوۋمىن كىلىنىكىلىق ئەمەلىي مىساللارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەتىيازلىق تېرە ئاسراشتىكى بىر قانچە چوڭ خاتا قاراشنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ بېرىدۇ ھەمدە ئەمەلىي قوللىنىشچان ئەسكەرتمىنى بەھرىمەن قىلىپ، تېرىڭىزنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.

يۈز چاپلىقىنى تولا چاپلاپ، تېرىنى سۇغا زىيادە تويۇندۇرىۋېتىش
_________________________________________________________________
كىلىنىكىدا، يۈز تېرىسىنى يۇمران قىلىمەن دەپ ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە يۈز چاپلىقى چاپلىغانلىقتىن، يۈز قىسمى قىزىرىپ ئىششىپ، سانجىپ ئاغرىۋاتقان ياش ئاغرىقلارنى دائىم دېگۈدەك ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يۈز چاپلىقىنى كۆپ چاپلىغاندا تېرىنىڭ سۇ بىلەن زىيادە بىرىكىشى، توسۇق ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يۈز چاپلىقىنى كۆپ چاپلاشقا بولمايدۇ، بۇ خىل مەشغۇلات تېرىنىڭ گىدراتلىشىشى زىيادە بولۇپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنى تېرە زىيادە كۆپ سۇ تەركىبىنى سۈمۈرۈۋېلىپ، تېرىنىڭ تەبىئىي توسۇقىنى بۇزۇپ، تېرە بارغانسېرى سەزگۈرلىشىپ، خۇددى زىيادە چىلانغان لامنارىيەگە ئوخشاش ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ. گىدراتلىشىش زىيادە بولۇپ كەتسە، تېرە ئاسانلا سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراپ، قىزىرىپ ئىششىش، قىچىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ.
مۇتەخەسسىس مۇنداق تەدبىر كۆرسەتتى:
ھەر ھەپتىدە يۈز چاپلىقى چاپلاش قېتىم سانى ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ھەر قېتىم يۈز چاپلىقى چاپلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى، 20 ~ 15 مىنۇت بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. يۈز چاپلىقى چاپلاشتىن بۇرۇن، ئىسسىق لۆڭگىنى يۈزگە چاپلاپ، تەر تۆشۈكچىلىرىنى ئېچىپ، تېرىنىڭ سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يۈز چاپلىقىنى چاپلاپ بولغاندىن كېيىن، يۈز چاپلىقىنى ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشى بويىچە مەشغۇلات قىلىش، زۆرۈر تېپىلغاندا تېرىنى پاكىز سۇ بىلەن تولۇق چايقاپ، قالدۇق ماددىلارنىڭ تەر تۆشۈكچىلىرىنى توسۇۋېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
مۈڭگۈز ماددىسىنى زىيادە چىقىرىۋېتىپ تېرە توسۇقىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش
_________________________________________________________________
ئەتىيازدا تېرىنىڭ مېتابولىزمى تېزلىشىپ، مۈڭگۈز ماددىسى ئاسانلا يىغىلىپ قالىدۇ، شۇڭا مۈڭگۈز ماددىسىنى چىقىرىۋېتىش نۇرغۇن دوستلارنىڭ تېرە ئاسراش باسقۇچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. سىلىق تېرىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئاياللارلا ئەمەس، نۇرغۇن ئەرلەرمۇ ھەر ھەپتىدە كۆپ قېتىم مۈڭگۈز ماددىسىنى چىقىرىۋېتىشنى تاللايدۇ.
ئەمما، مۈڭگۈز ماددىسىنى زىيادە چىقىرىۋېتىش تېرىنىڭ ئۆزىنى قوغداش مېخانىزمىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، بۇ خۇددى سىم يۇيغۇچ بىلەن شاپتۇل يۇيغانغا ئوخشايدۇ، بۇنىڭدا گەرچە شاپتۇلنىڭ يۈزىدىكى تىۋىت ۋە مەينەت نەرسىلەرنى چىقىرىۋەتكىلى بولسىمۇ، لېكىن شاپتۇلنىڭ سىرتقى تېرىسى زەخمىلىنىپ، تېرە قاتمۇقات جاراھەتلىنىپ، سەزگۈر، ئاجىز بولۇپ قالىدۇ.
ئوخشاشلا، مۈڭگۈز ماددىسىنى زىيادە چىقىرىۋېتىشمۇ تېرىنى «بىر پەشۋاغىمۇ يارىمايدىغان»، سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىغا تاقابىل تۇرالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. غىدىقلىنىشقا ئۇچرىغان ھامان تېرىدە قىزىرىپ ئىششىش، سانجىپ ئاغرىش، قىچىشىش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ھەتتا ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسى پەيدا بولىدۇ.
مۇتەخەسسىس مۇنداق تەدبىر كۆرسەتتى:
ھەر ھەپتىدە مۈڭگۈز ماددىسىنى چىقىرىۋېتىش قېتىم سانى بىر قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، مۆتىدىل تىپتىكى مۈڭگۈز ماددىسىنى ئېلىۋېتىش مەھسۇلاتلىرىنى تاللاش كېرەك. ئىشلەتكەندە، تېرىنى يېنىك ئۇۋۇلاش، بەك كۈچەپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. مۈڭگۈز ماددىسىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، تېرىنى پاكىز سۇدا تولۇق چايقاپ، قالدۇق ماددىلارنىڭ تەر تۆشۈكچىلىرىنى توسۇۋېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۈڭگۈز ماددىسىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن نەملىك ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېرىنىڭ توسۇق ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم قىلىش كېرەك.
تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى قارىغۇلارچە ئالماشتۇرۇپ زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى پەيدا قىلىش
________________________________________________________________
نۇرغۇن دوستلار ئەتىياز پەسلىدىكى تېرە ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى پات - پات ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، تېرە بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى تەركىبلەرگە بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكتىن ماسلىشالماي قالىدۇ، ھەتتا ئېغىر دەرىجىدە زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى پەيدا قىلىدۇ. بۇ خۇددى ئوخشاش بولمىغان ماركىدىكى ئۇپا تەگلىك سۇيۇقلۇقىنى ئارىلاشتۇرغاندا، بەلكىم خىمىيەلىك رېئاكسىيە پەيدا بولۇپ، تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز «سۈپەتسىز مەھسۇلات»قا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىنلىقىغا ئوخشاش بىر ئىش. بۇنداق قىلغاندا ئەسلىدىكى تېرە ئاسراش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرغىلى بولمايلا قالماستىن، ھەتتا تېرىدە مەسىلە كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
مۇتەخەسسىس مۇنداق تەدبىر كۆرسەتتى:
تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئالماشتۇرغاندا، ئالدى بىلەن قىسمەن دائىرىدە سىناپ ئىشلىتىپ، تېرىنىڭ ئىنكاسىنى كۆزىتىش كېرەك. ئەگەر تېرىدە قىزىرىپ ئىششىش، قىچىشىش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دەرھال ئىشلىتىشنى توختىتىش، زۆرۈر تېپىلغاندا كەسپىي دوختۇرلاردىن ياردەم سوراش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى تاللىغاندا، ئۆزىنىڭ تېرە تىپى ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللاش، قارىغۇلارچە مودىغا ئەگىشىدىغان ياكى ئاتالمىش «ئەتىيازلىق مەھسۇلات»نى قوغلىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
«ئەتىيازلىق تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى»؟ ھەممىسى ساختا ئۇقۇم
________________________________________________________________
ئەتىيازدا «ئەتىيازلىق مەھسۇلات» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان نۇرغۇن تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى بازارلاردا پەيدا بولۇپ، ئەتىيازلىق تېرە مەسىلىسىگە قارىتا ئالاھىدە پەرۋىش ئېلىپ بارغىلى بولىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ئەمما، بۇ ئاتالمىش «ئەتىيازلىق تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى» كۆپىنچە ھاللاردا سودىگەرلەرنىڭ سېتىشنى تېزلىتىشتىكى نەيرىڭى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى تەشۋىقاتتا ئېيتىلغاندەك ئەمەس. شۇڭا، كۆپچىلىك تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالغاندا چوقۇم ئاقىلانە تاللىشى، بۇ ساختا ئۇقۇملاردىن قايمۇقۇپ قالماسلىقى كېرەك.
مۇتەخەسسىس مۇنداق تەدبىر كۆرسەتتى:
تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى تاللىغاندا، ئاتالمىش «ئەتىيازلىق مەھسۇلات»نى قارىغۇلارچە قوغلىشىشتىن ساقلىنىش، تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ تەركىب جەدۋىلىنى تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىش، زىيادە سېزىمچانلىق تەركىبى بار مەھسۇلاتلارنى تاللاشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر تېرىدە بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دەرھال ئىشلىتىشنى توختىتىش ھەمدە كەسپىي دوختۇرلاردىن ياردەم سوراش كېرەك.
ئاپتاپتىن ساقلىنىشنى ياخشى ئېلىپ بارماي تېرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىش
________________________________________________________________
ئەتىياز پەسلىدە قۇياش نۇرى قارىماققا يېقىشلىق بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى تەدرىجىي ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندا، كۆپچىلىكنىڭ سىرتتىكى پائالىيەت ۋاقتى داۋاملىق ئاشىدۇ، شۇڭا ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ باھاردا تېرىگە بولغان زىيىنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئەتىياز پەسلىدە ئاپتاپتىن ساقلىنىشنىڭ مۇھىملىقىغا سەل قاراپ، پەقەت ياز پەسلىدىلا ئاپتاپتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك دەپ قارايدۇ.
ئۇلترا بىنەپشە نۇر تېرىنىڭ قېرىشىدىكى ئاساسلىق باش جىنايەتچى، ئۇ بۇلۇت قاتلىمىدىن تېشىپ ئۆتۈپ، تېرىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا بىۋاسىتە يېتىپ بېرىپ، كوللاگېن ئاقسىلى ۋە ئېلاستىك تالالارنى بۇزۇپ، تېرىنىڭ بوشىشى، داغنىڭ قېنىقلىشىشى، قورۇقنىڭ بالدۇر پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مۇتەخەسسىس مۇنداق تەدبىر كۆرسەتتى:
SPF30دىن يۇقىرى، + + + PA ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھەملىرىنى تاللاپ، ھەر كۈنى سىرتقا چىقىشتىن 15 مىنۇت بۇرۇن سۈركەش ھەمدە سىرتتىكى پائالىيەت ۋاقتىغا ئاساسەن ۋاقتىدا تولۇقلاپ سۈركەش كېرەك.
( ئاپتور: جۇڭ يەنيۈ، بېيجىڭ داشۆ خەلق دوختۇرخانىسى)
«بېيجىڭ ياشلار گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى