تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو يەرشارى بويىچە يېشىللىقنى ئەڭ تېز، ئەڭ كۆپ كۆپەيتكەن دۆلەتكە ئايلاندى

   بۈگۈن (3-ئاينىڭ 12-كۈنى) كۆچەت تىكىش بايرىمى، مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2024-يىلى، دۆلىتىمىز تاماملىغان دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ۋەزىپىسى 100 مىليون مودىن ئاشقان.

   2024-يىلى تاماملانغان 100 مىليون مودىن ئارتۇق دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ۋەزىپىسى 66 مىليون 690 مىڭ مو يەردە ئورمان بىنا قىلىش، 48 مىليون 360 مىڭ مو يەرگە ئوت-چۆپ تېرىپ ياخشىلاش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئورماننى ئىمكانىيەتلىك سىجىل باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كۆلىمى 10 مىليون مودىن كۆپرەككە كېڭەيتىلىپ، ئورمان سۈپىتى مۇقىم ئۆستى. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %25تىن ئاشتى، ئورمان زاپىسى 20 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشتى، يايلاقنىڭ ئۇنىۋېرسال يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسى %50تىن يۇقىرى بولۇپ، سۈنئىي ئورمان كۆلىمى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

   دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئېكولوگىيەنى قوغداش-ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى جاڭ لىمىڭ: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى دۆلەت زېمىنىنى كەڭ كۆلەمدە كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 1 مىليارد 160 مىليون مو ئورمان بىنا قىلدى، دۆلىتىمىز يەرشارى بويىچە يېشىللىقنى ئەڭ تېز، ئەڭ كۆپ كۆپەيتكەن دۆلەتكە ئايلاندى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.