تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئىككى ئايدا ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يۈك، پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50تىن كۆپرەك ئاشتى

    ئالدىنقى ئىككى ئايدا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يۈك، پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇش ئومۇمىي مىقدارى، خەلقئارا يۈك توشۇش مىقدارى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارىدا بىردەك بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

    ئالدىنقى ئىككى ئايدا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى تاماملىغان يۈك، پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇش مىقدارى 41 مىڭ 700 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54.4 ئاشتى. ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلانى 690 ئايروپىلان قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %871.83 ئاشتى؛ خەلقئارا يۈك توشۇش مىقدارى 13 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى  ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1081.82 ئاشتى؛ ئېكسپورتتا چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا يۈك توشۇش مىقدارى 9000 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %100 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.