تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بوراننىڭ تەسىرىدە شىنجاڭدىكى بىر قىسىم يولۇچىلار پويىزى قاتناشتىن توختىدى! كونكرېت پويىز قېتىمى تۆۋەندىكىچە

   بورانلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە، 3-ئاينىڭ 12-، 13-كۈنى شىنجاڭدىكى قىسمەن پويىزلارنىڭ يۈرۈش لايىھەسى ھەرىكەتچان تەڭشىلىپ، قاتناشنى توختىتىش تەدبىرى قوللىنىلىپ، بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساقلاندى. 

   ئۈرۈمچى ۋوگزالى، قەشقەر پويىز ئۇچاستىكىسى، كورلا پويىز ئۇچاستىكىسى، قومۇل پويىز ئۇچاستىكىسى، ئاقسۇ پويىز ئۇچاستىكىسى ۋېيبوسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن جەنۇبىي شىنجاڭ يۆنىلىشىگە قاتنايدىغان T9516 ،5816 ،T9536 ،K9776 ،K9782 ،Z6516 ،K9786 ،7556 ،K9772 ،K9718 ،T9520 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى قاتناشتىن توختىغان؛ ئۈرۈمچىدىن كورلىغا قاتنايدىغان C818 ،C814 ،C810 قېتىملىق، ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە قاتنايدىغان T9526 قېتىملىق، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قەشقەرگە قاتنايدىغان K6742 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى قاتناشتىن توختىدى؛ قەشقەردىن شىئەنگە بارىدىغان T270 قېتىملىق، قەشقەردىن چېڭدۇ غەربىي ۋوگزالىغا بارىدىغان K454 قېتىملىق، خوتەندىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان 7558 قېتىملىق، K6728 قېتىملىق، K9720 قېتىملىق، 5818 قېتىملىق، T9528 قېتىملىق، قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان K9785 قېتىملىق، T9522 قېتىملىق، K9774 قېتىملىق، Z6518 قېتىملىق، قەشقەردىن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغا بارىدىغان K6744 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى قاتناشتىن توختىدى؛ كورلىدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان C812 قېتىملىق، C808 قېتىملىق، C820 قېتىملىق، مىرەندىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان K9755 قېتىملىق، قومۇلدىن كورلىغا قاتنايدىغان C995 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى قاتناشتىن توختىدى؛ ئارالدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان K9784 قېتىملىق، تۇمشۇقتىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان K9778 قېتىملىق، ئاقسۇدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان T9538 قېتىملىق، T9518 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى قاتناشتىن توختىدى.

   3-ئاينىڭ 13-كۈنى قەشقەردىن شىئەنگە بارىدىغان T270 قېتىملىق، قەشقەردىن چېڭدۇ غەربىي ۋوگزالىغا بارىدىغان K454 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى قاتناشتىن توختىدى. كونكرېت پويىزنىڭ يۈرۈش ئۇچۇرى ۋوگزالنىڭ ئېلانى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

 تۆمۈريول تارماقلىرى ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ھاۋا ياخشىلانغان ھامان پويىزلارنىڭ قاتنىشىنى ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. قاتناشتىن توختىتىلغان پويىزلارنىڭ بېلىتىنى سېتىۋالغان يولۇچىلار تۆمۈريول 12306 (يان تېلېفون تېرمىنالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش-ئېلىش ماشىنىسى، ۋوگزال كۆزنىكى ئارقىلىق بېلەت قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ، بىردەك رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ.

  تۆمۈريول تارماقلىرى كەڭ يولۇچى دوستلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ھاۋارايى ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىدە، تۆمۈريول تىرانسپورتى يەنىلا ئېنىقسىز ئامىللارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن، سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى بار يولۇچىلار تۆمۈريول 12306 (يان تېلېفون تېرمىنالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 12306 خېرىدارلار مۇلازىمەت تېلېفونى ياكى ۋوگزال ۋىيبوسى، ۋوگزال رادىيو ئۇقتۇرۇشى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئېكران ئۇچۇرىغا دىققەت قىلىپ، پويىزنىڭ يۈرۈش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، سەپەر ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.

مەملىكەت بويىچە بوراندىن ئالدىن مەلۇمات خەرىتىسى.

سۈرەت مەنبەسى \ مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى

  شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئېلان قىلغان بوراندىن ئالدىن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، مۆلچەرلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 12-كۈنى كۈندۈزدىن 3-ئاينىڭ 13-كۈنى كېچىگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 10 بالدىن 11 بالغىچە بوران چىقىدىكەن، 13 بالدىن 14 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.