3-ئاينىڭ 10-كۈنى، قاردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلىپ، دۆربىلجىن ناھىيەسى جېلئاغاش بازىرى بۇغۇتى كەنتى سىرتىدىكى ئاسمان سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى. كۆپكۆك ئاسماندا، ئاق بۇلۇتلار تاغ تىزمىلىرىدىن لەيلەپ ئۆتكەنىدى. قۇياش نۇرى بۇلۇت قاتلىمىنى يېرىپ ئۆتۈپ، ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان تاغ چوققىسىغا چۈشكەندە، ھەيۋەت تاغ چوققىلىرى يېقىملىق تۈسكە كىرگەنىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، نۇر سايىسى تاغ چوققىسىدىكى يىغىندى قارلارغا چۈشكەندە، ئىللىق تاڭ نۇرى بۇلۇت قاتلىمىدىن ئۆتۈپ، بۇلۇت، تاغلار ۋە ئورمانلارغا ئىللىقلىق بېغىشلاپ، ۋاقىت قەدەملىرىنى ئاستىلىتىپ، تەبىئەتتىكى جىمجىت شېئىرىي تۈسكە تويۇنغان بۇ مەنزىرىنى جانلاندۇرغانىدى.



دۆربىلجىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ دۇڭپىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ما پاڭبىن
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى