ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن قاراپ چىقىشقا قاتناشتى، تۇڭ جيەنمىڭ يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى، خې جۇڭيوۋ سىرتتىن قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتنى داۋاملىق قاراپ چىقتى؛ گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، يىللىق پىلان، يىللىق خامچوت توغرىسىدىكى ئۈچ قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن باش تەپتىش تۇڭ جيەنمىڭ ۋە «ئىككى ئالىي مەھكىمە»دىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ سىرتتىن قاتناشتى.
ۋەكىل ئەركىن تۇنىياز مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: دوكلاتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق ئىدىيەسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ئىچكى تەلىپى نامايان قىلىنىپتۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى چىڭ كۆزلەپ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتىكى كۆرۈنەرلىك نەتىجىسى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق يولىدا تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتتى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. «ئىككى ئالىي مەھكىمە» ئاڭلىق ھالدا ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈپ، قانۇنچىللىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلىشتا يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلدى، «ئىككى ئالىي مەھكىمە»نىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. «ئىككى ئالىي مەھكىمە»نىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە قوللاپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، تاشقى ئەدلىيە ھەمكارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋەكىل شەۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭ ساقلاپ، ئومۇمىيەتكە، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە زىچ يېقىنلىشىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدىكى روشەن ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تولۇق نامايان قىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى پۇختا ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشى يۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز. بىر يىلدىن بۇيان، «ئىككى ئالىي مەھكىمە» پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى، «ئىككى ئالىي مەھكىمە» خىزمەت دوكلاتىنى قۇۋۋەتلەيمەن.
قاراپ چىقىش جەريانىدا، ۋەكىللەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات ۋە «ئىككى ئالىي مەھكىمە» خىزمەت دوكلاتىغا يۈكسەك باھا بەردى ۋە تولۇق قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆپچىلىك مۇنداق دېدى: بۇ يىل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشقا پۇختا ئاساس سېلىنىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل. ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات، «ئىككى ئالىي مەھكىمە» خىزمەت دوكلاتىدىكى تەلەپ بويىچە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە، سوت قىلىش خىزمىتى ۋە تەپتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ۋەكىللەر يەنە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، يىللىق پىلان، يىللىق خامچوت توغرىسىدىكى ئۈچ قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ، بىردەك قوۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن لى شيەنفا، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، سارقىت ئاقان، ۋاڭ مىڭشەن، مەمتىمىن قادىر، شۆ بىن، جىن جىجېن، باتۇ، شى گاڭ، دىلشات سايىم، گاۋ جىمىڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. جياڭ شىنجۈن، دۇ خۇڭيەن قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.