ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن
3-ئايدا، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئەتىياز كىرگەن بولسىمۇ ھاۋا يەنىلا سوغۇق بولۇپ، ئوت-چۆپ، دەل-دەرەخلەر تېخى بىخ سۈرمىگەن ئىدى، لېكىن تۇرپان شەھىرىنىڭ ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لىرىدىكى ئۆرۈك دەرەخلىرى غۇنچە تۇتۇپ چېچەكلەش ئالدىدا تۇرماقتا. 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، مۇخبىرنىڭ توقسۇن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، «شىنجاڭدا تۇنجى باھار . تۇرپاندا چېچەكلەر ئېچىلدى» 2025-يىللىق تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى پەسلى مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى ۋە توقسۇن ناھىيەسىنىڭ 8-نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى پەسلى پائالىيىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۆرۈك چېچىكى پەسلى» دېيىلىدۇ) 3-ئاينىڭ 22-كۈنى توقسۇندا باشلىنىدىكەن.

پورەكلەپ ئېچىلغان ئۆرۈك چېچىكى (ماتېرىيال سۈرەت).
لى جىڭخەي فوتوسى
توقسۇن ناھىيەسى ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە تەبىئىي مۇھىتى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ھەر يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ بويىچە تۇنجى بولۇپ باھار پەسلىگە كىرىدۇ. توقسۇن ناھىيەسى 2013-يىلىدىن باشلاپ پەسىل ئەۋزەللىكىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇدا نەچچە يىل ئۆرۈك چېچىكى پەسلى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى چېچەك سەيلىسى قىلىشقا جەلپ قىلدى. بۇ يىل توقسۇن ناھىيەسىنىڭ 8-نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى پەسلى تۈرلۈك پائالىيەتلىرى 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. پۈتكۈل ئۆرۈك چېچىكى پەسلى مەزگىلىدە، توقسۇن ناھىيەسىدىكى يەرلىك خەلق سەنئەتكارلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەت ئۆمەكلىرى، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى مەدەنىيەت سەنئەتكارلىرى پائالىيەتكە كۈچ قوشىدۇ، ئۆرۈك چېچىكى شېئىر دېكلاماتسىيە يىغىلىشى، لەگلەك كۆرگەزمىسى، دارۋازلىق ئويۇنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشنى ھېس قىلىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان تۆمۈر ئۇچقۇنى چىقىرىش ئويۇنى، ئۆرۈك چېچىكى مۇزىكا كاتتا مەرىكىسى مۇزىكا شادلىق كېچىلىكى، يايلاق مۇزىكا كېچىلىكى قاتارلىقلار نۆۋەت بىلەن ئوينىلىپ، ساياھەتچىلەر ۋە شۇ جايدىكى ئاممىغا كۆپ مەيدان كۆرۈش سېزىمى ۋە ئاڭلاش سېزىمى كاتتا زىياپىتى ئېلىپ كېلىدۇ.

توقسۇن ئۆرۈك چېچىكى باغچىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر (ماتېرىيال سۈرەت).
لى جىڭخەي فوتوسى
ئىگىلىنىشىچە، ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى مەزگىلىدە، تۇرپان شەھىرىنىڭ بىر رايون، ئىككى ناھىيەسىدە نۇرغۇن چېچەك تاماشا قىلىش نۇقتىسى تەسىس قىلىنىدىغان بولۇپ، چېچەك تاماشاسى قىلىش نۇقتىسى ئەتراپىغا تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەھسۇلاتلىرى ۋە يەرلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنىدىكەن، شۇ چاغدا، كۆپ تۈرلۈك خەلق ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرى ۋە كۆكلەم سەيلىسى قىلىش، تاغقا يامىشىش، پىيادە مېڭىش قاتارلىق پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلىدىكەن. ئۆرۈك چېچىكى پەسلىدىكى مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، پائالىيەت مەزگىلىدە، تۇرپان شەھىرىنىڭ بىر رايون، ئىككى ناھىيەسىدىكى شەھەر رايونى يول ئېغىزى، ھەرقايسى يېمەك-ئىچمەك نۇقتىلىرى ساياھەتچىلەرنى تاماق، ياتاق، قاتناشقا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سەيلە-ساياھەت قىلىشىغا، پائالىيەتنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى