ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى. 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتىدە «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2025-يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» ئېلان قىلىندى.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مائارىپ بايلىقى بىلەن تەمىنلەش كۈچەيتىلىدۇ، كېڭەيتىلىدۇ. يېڭىدىن شەھەر دەرىجىلىك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپ گۇرۇھىدىن 10ى قۇرۇلۇپ، 30 مەكتەپ(مەكتەپ رايونى)نى قاپلاپ، 30 مىڭ ئەلا ئوقۇش ئورنى تەمىنلىنىدۇ. ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىدىن توققۇزى، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەردە ئوقۇغۇچى ئورنىدىن 3300ى كۆپەيتىلىدۇ. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى كېڭەيتىلىپ، يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى 2000دىن كۆپرەك كۆپەيتىلىدۇ. ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار مائارىپ بايلىقى ئەلالاشتۇرۇپ بىرىكتۈرۈلۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىدىن بىرى قۇرۇلىدۇ. ئۈرۈمچى كەسپىي ئالىي داشۆسى كۈز پەسلىدە تۇنجى تۈركۈمدە تولۇق كۇرس كەسپىگە 500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى