تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەملىكەت بويىچە پەقەت بىرسىلا بار! بىر تورداش قومۇل ۋوگزالىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان «خۇاڭ دوختۇر»نى سىنغا تارتىۋالدى

3-ئاينىڭ 8-كۈنى، قومۇل تۆمۈريولىغا يېقىن يەردە بىر تورداش كامېرا ئارقىلىق

بىر ئۆزگىچە سېرىق رەڭلىك سىيمانى سىنغا تارتىۋالغان

ئۇ چاقماق تېزلىكىدە ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ

بىردەمدىلا

تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىغان

بۇ، ئادەتتىكى پويىز بولماستىن

بەلكى گاۋتيې  «خۇاڭ دوختۇر»دۇر

«خۇاڭ دوختۇر»نىڭ ھۆكۈمەتتىن قويۇلغان نامى

يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش پويىزى بولۇپ

ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق

يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بىخەتەرلىكىنى قوغدىغۇچىدۇر

ئاددىيغىنا قىلىپ ئېيتقاندا

يېڭىدىن ياسالغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولدىكى بىرلىشىپ تەڭشەش، بىرلىشىپ سىناش قىلىشنىڭ ھەممىسىدە

ئۇنىڭ سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ

ئۇ يەنە گاۋتيې ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ خىزمەت ھالىتىنى يۈرۈشتۈرۈش بويىچە

قەرەللىك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل

تورداشنىڭ سىنغا تارتىۋالغىنى ئەڭ دەسلەپكى

CRH5J-0501 يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش پويىزى بولۇپ

0-نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش پويىزى دەپ نام بېرىلگەن

   0-نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش پويىزى سەككىز ۋاگوندىن تەركىب تاپقان، پويىزغا ئورۇندۇقلۇق يولۇچىلار ۋاگونى تەسىس قىلىنمىغان، بەلكى خەۋەرلىشىش سىگنالىنى تەكشۈرۈش ۋاگونى، يىغىن ۋاگونى، تېگىشىش تورىنى تەكشۈرۈش ۋاگونى، سانلىق مەلۇماتلارنى ئۇنىۋېرسال بىر تەرەپ قىلىش ۋاگونى، رېلىس تەكشۈرۈش ۋە رېلىس كۈچىنى تەكشۈرۈش ۋاگونى، ئاشخانا ۋاگونى ۋە سىگنال تەكشۈرۈش ۋاگونى قاتارلىقلار بار.

   0-نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش پويىزى CRH5A تىپلىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيەلىك ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنى ئاساس قىلغان، بەش ھەرىكەت ئېنىرگىيەلىك پويىز ۋاگونى، ئۈچ چاتما پويىز ۋاگونى ئەندىزىسى قوللىنىلغان بولۇپ، پۈتۈن پويىز بەش ئېنىرگىيەلىك پويىز ۋاگونى، ئۈچ چاتما پويىز ۋاگونىدىن تۈزۈلگەن، ئىككى ھەرىكەت ئېنىرگىيەسى بۆلىكىدىن تەشكىللەنگەن تارقىلىشچان ئوق پويىز گۇرۇپپىسى ھېسابلىنىدۇ، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك تەكشۈرۈش سۈرئىتى 250 كىلومېتىر، ئەڭ يۇقىرى سۆرەش قۇۋۋىتى 5500 كىلوۋاتقا يېتىدۇ، بۇ، تەخمىنەن 7500 ئات كۈچىگە ئىگە كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنىرگىيەسىگە باراۋەر.

بۇ قېتىم «خۇاڭ دوختۇر»نى قومۇل تۆمۈريولىدا تاساددىپىي سىنغا تارتىۋېلىش بىلەن

ئاممىنىڭ دىققىتى

ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان بۇ پويىزغا مەركەزلەشتى

ئۇ يىل بويى ھەر كۈنى دېگۈدەك

 تۆمۈريول لىنىيەلىرى ئارىسىدا قاتناپ

جاپالىق تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلماقتا

بىز تۆمۈريول لىنىيەسىدىكى بۇ «يوشۇرۇن قوغدىغۇچى»غا ئالقىش ياڭرىتايلى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.