تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى
3-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ
ئۈرۈمچى — ۋۇخەن — ليەنيۈنگاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىشنى پىلانلىدى
بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى
شىنجاڭنىڭ
خۇاجۇڭ، خۇادۇڭ رايونلىرى بىلەن بولغان ھاۋا قاتنىشى تۈگۈنىنى كۈچلۈك كۈچەيتىشىگە پايدىلىق بولۇپ،
بۇ جايلار ئارىسىدىكى قاتناش ئالاقىسىنىڭ
قولايلىق ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ

تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانى.
ياۋ تيەنلى تەمىنلىگەن سۈرەت
بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېچىلغان ئۈرۈمچى — ۋۇخەن — ليەنيۈنگاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى A320 تىپلىق ئايروپىلان ئىجرا قىلىدۇ، پىلان بويىچە ھەر كۈنى بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچىدۇ. بېرىش سەپىرىدە GS7591 نۆۋەتچى ئايروپىلانى سائەت 7دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، ۋۇخەندە توختىغاندىن كېيىن، سائەت 14تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ليەنيۈنگاڭغا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش سەپىرىدە GS7592 نۆۋەتچى ئايروپىلانى سائەت 15تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ليەنيۈنگاڭدىكى ئايروپورتتىن ئۇچۇپ، ۋۇخەندە توختىغاندىن كېيىن، سائەت 22دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدۇ.
ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئۈرۈمچىدىن ليەنيۈنگاڭغا قاتنايدىغان تاق يۆنىلىشلىك ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى تەخمىنەن 1280 يۈەندىن باشلىنىدۇ (باجنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).
بۇ قېتىم يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى بېيىتىپلا قالماي، يەنە ئۈرۈمچى، ۋۇخەن، ليەنيۈنگاڭدىن ئىبارەت ئۈچ جاينىڭ ساياھەت بايلىقىنى چوڭقۇر ھەمبەھرىلەشكە ۋە ئېچىشقا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ.
«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى