ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتىدە «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2025-يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» ئېلان قىلىندى.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خاتىرجەم ياشايدىغان، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان بولۇش كاپالىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ. كونا ئولتۇراق رايوندىن 152سى ئۆزگەرتىلىپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئولتۇراق رايونلاردىكى كونا لىفىتتىن 500دىن ئارتۇقى يېڭىلىنىدۇ، ئالماشتۇرۇلىدۇ. 27 مىڭ ئائىلىلىككە ھازىر بار بولغان ئىمارەتلەرنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلىدۇ. كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆيدىن 1244 يۈرۈش بىرتۇتاش غەملەپ سېلىنىپ، يېڭى شەھەر ئاھالىلىرى، ياشلار ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر قاتارلىق ئاممىنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىدۇ. ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، لېكىن ۋاقتىنچە مۇۋاپىق ئۆي مەنبەسى بولمىغان كاپالەت ئوبيېكتلىرى ۋە ئائىلىلەرگە ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى ئىجارە ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىلىپ، 2000دىن ئاز بولمىغان تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ. كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي تاللاش مېخانىزمى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئۆي مەنبەسى تەقسىماتىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى ئالغا سىلجىتىلىدۇ. ئۆي-جاي مۇلازىمىتىدىكى مەسىلىلەرنى مەنبەدىن تۈزەش كۈچەيتىلىپ، ئۆي-جاي مۇلازىمىتىدىكى ئەرزلەرنى بېجىرىش ۋاقىت ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈپ، ئۆي-جاي مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى، سەۋىيەسى سىجىل ئۆستۈرۈلىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى