بۈگۈنكى كۈندە، ئاياللارنىڭ ساغلاملىقى كۈنسېرى كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىغا ئايلاندى. HPV ۋاكسىنىسىنى قانداق تاللايمىز؟ ئاسانلا بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى بولۇپ قالىدىغان كىشىلەر توپى قايسىلار؟ ئاياللارنىڭ ساغلاملىقى توغرىسىدا يەنە قانداق خاتا قاراشلار بار؟
HPV دېگەن نېمە؟ HPV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟
HPV ئادەم ئەمچەك توپچىسى ئۆسمە ۋىرۇسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئاياللار سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكەندە ۋە داۋالانغاندا دائىم ئۇچرايدىغان بىر تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ، ئۇ ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان «باش جىنايەتچى».
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە مەلۇم بولغان HPV ۋىرۇسى 200 نەچچە خىل ئىككىلەمچى تىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يۇقىرى خەتەرلىك تىپ ۋە تۆۋەن خەتەرلىك تىپقا بۆلۈنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى خەتەرلىك تىپتىن جەمئىي 14 خىلى بار. يۇقىرى خەتەرلىك تىپلار ئىچىدە، HPV16 ۋە HPV18 بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. بۇ ئىككى خىل تىپنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى %70 ئەتراپىدا بولىدۇ.

HPV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق بىلدۈردى: نۇرغۇن ئايال ھاياتىدا بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن، زىيادە ھودۇقۇش ھاجەتسىز.
بېيجىڭ داشۆ 3 ـ دوختۇرخانىسى ئاياللار كېسەللىكلىرى ـ تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لياڭ خۇاماۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: جىنسىي پائالىيىتى كۆپ ئاياللارنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە بىر خىل ياكى كۆپ خىل تىپتىكى HPV بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى %80 ئەتراپىدا بولىدۇ، خەتەرلىك تىپتىن يۇقۇملانغان تەقدىردىمۇ، تەخمىنەن %90 ئايال بىر ـ ئىككى يىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىگە تايىنىپ تازىلايدۇ؛ ئەگەر قېلىپ قالغان يۇقىرى خەتەرلىك تىپلىق HPV بىلەن داۋاملىق يۇقۇملانسا، بالىياتقۇ بوينى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ھەتتا بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ پەيدا بولۇشى كېلىپ چىقىدۇ.
بېيجىڭ داشۆ 3-دوختۇرخانىسى ئاياللار كېسەللىكلىرى-تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى خوۋ جېڭمۇ مۇنداق بىلدۈردى: HPV بىلەن يۇقۇملىنىشتىن بالىياتقۇ بوينى راكىغا تەرەققىي قىلىشقا ئاز دېگەندىمۇ ئون يىلدىن 15 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ، شۇنداقلا سىجىل يۇقۇملىنىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا بولىدۇ. ھەر يىلى سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە بالىياتقۇ بوينى راكىنى ئايرىم تەكشۈرۈپ، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر تۇتۇش قىلىپ، بالدۇر داۋالىغاندا، يۇقۇملىنىشتىن بالىياتقۇ بوينى راكىغا تەرەققىي قىلىش مۇساپىسىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالغىلى بولىدۇ.
HPV ۋاكسىنىسىنى قانداق تاللايمىز؟
نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە ئەملەشكە بولىدىغان HPV ۋاكسىنىسىنىڭ ئىككى ۋالېنتلىق، تۆت ۋالېنتلىق ۋە توققۇز ۋالېنتلىق دەپ ئۈچ خىلى بار.
ئىككى ۋالېنتلىق ۋاكسىنا ئاساسلىقى يۇقىرى خەتەرلىك HPV16 تىپلىق ۋە HPV18 تىپلىق بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، بۇ خىل ۋاكسىنىنى ئەملىگەندە %70 ئەتراپىدا بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؛
تۆت ۋالېنتلىق ۋاكسىنا HPV16 تىپلىق ۋە HPV18 تىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن باشقا، يەنە تۆۋەن خەتەرلىك HPV6 ۋە HHPV11 تىپلىق ۋىرۇسلارنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇ %70 ئەتراپىدىكى بالىياتقۇ بوينى راكى ۋە %90 ئەتراپىدىكى جىنسىي يول سۆگىلىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.
توققۇز ۋالېنتلىق ۋاكسىنا ئاساسلىقى يەتتە خىل يۇقىرى خەتەرلىك تىپلىق HPV ۋە ئىككى خىل تۆۋەن خەتەرلىك تىپلىق HPV نىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇ %90تىن ئارتۇق بالىياتقۇ بوينى راكى ۋە %90تىن يۇقىرى كۆپىيىش يولىدىكى سۆگەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق بىلدۈردى: 45 ياشتىن تۆۋەن ئاياللار HPV ۋاكسىنىسىنى ئەملەتسە بولىدۇ، قانچە بالدۇر ئەملەتسە شۇنچە ياخشى. 9 ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان، جىنىسى تۇرمۇشى يوق ئاياللارغا ۋاكسىنا ئەملىگەندە، ئىممۇنىتېت ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. HPV ۋىرۇسى بىلەن ئاياللارلا يۇقۇملانمايدۇ، ئەرلەرمۇ يۇقۇملىنىشى مۇمكىن، شۇنداقلا جىنسىي تۇرمۇش ئارقىلىق ئىككى جىنس ئارىسىدا گىرەلىشىپ يۇقۇملىنىدۇ، مانا بۇ خەلقئارادا ئەرلەرگە HPV ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنى تەۋسىيە قىلىشنىڭ سەۋەبى.
بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكىغا ئاسان گىرىپتار بولىدىغان كىشىلەر توپى قايسىلار؟
تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئانىلىق ھورمون بىلەن ھامىلىدارلىق ھورمونىنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن دەۋرىيلىك ئۆسىدۇ ۋە سويۇلىدۇ. ئەگەر ئانىلىق ھورمون بىلەن ھامىلىدارلىق ھورمونىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا بولىدۇ. بېيجىڭ تيەنتەن دوختۇرخانىسى ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى فېڭ لىمىن مۇنداق تونۇشتۇردى −
● بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى مونچاق گۆشى ئادەتتە ياخشى سۈپەتلىك بولىدۇ، لېكىن 19 ئايدا قايتا قوزغىلىش نىسبىتى تەخمىنەن %50كە يەتسە، ۋاقتىدا داۋالىنىپ، قايتا قوزغىلىشنى تىزگىنلەش كېرەك.
● بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئۆسۈشى ئىككى خىل بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدە «تىپىك بولمىغان ئۆسۈش» قوشۇلۇپ كەلگەن بولسا، «راكتىن بۇرۇنقى كېسەللىك ئۆزگىرىشى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ راكقا ئۆزگىرىش نىسبىتى ئادەتتىكى ئىچكى پەردىنىڭ ئۆسۈشىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ.
● 35 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان مەزگىل مونچاق گۆش ۋە ئۆسۈش كۆپ يۈزبېرىدىغان مەزگىل، ئەگەر ھەيز توختىغاندىن كېيىن قوزغالسا، يامانلىشىپ كېتىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق بىلدۈردى: يۇقىرى قان بېسىمى، سېمىزلىك، دىيابېت كېسىلى، ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش كېسەللىكلىرى، مەسىلەن، كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى ھەمدە تۈز ئۈچەي مونچاق گۆشى جەمەت كېسەللىك تارىخى بار ئاغرىقلارنىڭ ھەممىسى بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكىغا ئاسان گىرىپتار بولىدىغان كىشىلەر توپى بولۇپ، چوقۇم ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتۈپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىشى كېرەك.
ئاياللار ساغلاملىقىدىكى تۆۋەندىكى خاتا قاراشلارغا دىققەت قىلىڭ
بىرىنچى خاتا قاراش: HPV ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەندە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانمايدۇ ❌
HPV ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىش يۇقۇملانمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكىم باشقا تۈردىكى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن؛ ئەگەر ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ تۇرۇپ ۋاكسىنا ئەملەتكەن بولسا، ۋىرۇسمۇ يوقاپ كەتمەيدۇ. شۇڭا ۋاكسىنا ئەملەتكەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا مۇناسىپ ئايرىم تەكشۈرتۈش كېرەك.
ئىككىنچى خاتا قاراش: تازىلىقنى ياخشى قىلىپ، جىنسىي تۇرمۇشتىن يىراق تۇرغاندا HPV بىلەن يۇقۇملانمايدۇ ❌
HPV ۋىرۇسى ئاساسلىقى جىنسىي ئۇچرىشىشتىن ئۆتۈپ تارقىلىدۇ، لېكىن تازىلاش بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش، شىللىق پەردە ئۇچرىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىقمۇ تارقىلىدۇ. بىرلا جىنسىي ھەمراھ بولۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، چۈنكى جىنسىي ھەمراھنىڭ كۆپ بولۇشى يۇقىرى خەتەرلىك تىپلىق HPV بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ مۇھىم سەۋەبى.
ئۈچىنچى خاتا قاراش: ھەيز توختاپ قالسا ئاۋارچىلىق يوق، ھەيز مىقدارى كۆپ بولسا تېخىمۇ ئادەم ياشىرىدۇ ❌
ھەيز كەلمەسلىك تۇخۇمدان ئىقتىدارىنىڭ بالدۇر ئاجىزلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىشى ياكى باشقا كېسەللىكلەردىن كېلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن؛ ھەيز مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئاسانلا قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارى، مېڭە ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ھەيز بەك ئاز ياكى بەك كۆپ بولسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
«مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى