تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

سەنيادىكى مېھمانخانا ياتاقلىرىغا يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىلدى: شەرتسىز، تولۇق سومما بويىچە پۇل قايتۇرۇلىدۇ! شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار ←

 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، خەينەن سەنيا شەھىرى ساياھەت كەسپى جەمئىيىتى بىرلەشمىسى «سەنيا شەھىرىنىڭ مېھمانخانا كەسپى بويىچە ئالدىن ياتاق زاكاز قىلىش، زاكاز قايتۇرۇش يېتەكچى پىكرى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئېلان قىلدى، 3-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلدى، سىناق ۋاقتى بىر يىل بولىدۇ. «يېتەكچى پىكىر»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى —

  قانۇندا بەلگىلەنمىگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، مېھمانخانا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەتچىلەر، توردىكى ئالدىن زاكاز قىلىش سۇپىلىرى خېرىدارلار ياتاققا كىرىپ ئورۇنلىشىشتىن يەتتە كۈن بۇرۇن شەرتسىز، تولۇق سومما بويىچە پۇل قايتۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

  قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى (يېڭى يىل، باھار بايرىمى، چىڭمىڭ بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۇەنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى ۋە دۆلەت بايرىمى) مەزگىلىدە  مېھمانخانا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەتچىلەر، توردىكى ئالدىن زاكاز قىلىش سۇپىلىرى خېرىدارلار ياتاققا كىرىپ ئورۇنلىشىشتىن 15 كۈن بۇرۇن شەرتسىز، تولۇق سومما بويىچە پۇل قايتۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

  مېھمانخانا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەتچىلەر «ئىناۋەت بىلەن قايتۇرۇش» «غەم قىلدۇرماي قايتۇرۇش» قاتارلىق تېز پۇل قايتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى، ئىستېمالچىلار زاكاز قايتۇرۇش ئىلتىماسى سۇنغاندىن كېيىن، جەزمەن ئىككى سائەت ئىچىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە پۇلنى قايتۇرۇشى كېرەك؛ باشقا سەۋەبلەر بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ ياتاق پۇلىنى تۇتۇپ قېلىشقا ياكى ئاز قايتۇرۇشقا بولمايدۇ.

  توردىكى ئالدىن زاكاز قىلىش سۇپىلىرى ئالدىن زاكاز قىلىش بېتىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە زاكاز قايتۇرۇش سىياسىتىنى ئەسكەرتىشى كېرەك، بۇ، ھەقسىز زاكاز قىلىش ۋە قايتۇرۇش ئاخىرقى ۋاقتى، پەلەمپەيسىمان ھەق تۇتۇپ قېلىش نىسبىتى، قارشى چىققىلى بولمايدىغان ماددا (ئالاھىدە ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ سۇپىدا ماكانلاشقان سودىگەرلەرنىڭ ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، توردىكى ئالدىن زاكاز قىلىش سۇپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوغداپ ۋە ئۇنى ساپلاشتۇرۇپ، قەستەن مېھمانساراي نامىغا تەقلىد قىلىش، سودىگەر قىياپىتىگە كىرىۋېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئالاقىدار كارخانىلارنى تور سۇپىسىدىن چۈشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛ مەھسۇلات ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، مۈجىمەل بايانلارنى ئىشلىتىش (مەسىلەن، «قىسمەن پۇل قايتۇرۇلىدۇ» «ئەھۋالغا قاراپ ئېلىنىدۇ»دېگەندەك) مەنئى قىلىنىدۇ، جەزمەن سوممىنى ياكى نىسبەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

  «يېتەكچى پىكىر» سەنيا شەھىرىنىڭ مەمۇرىي رايونى ئىچىدىكى مېھمانخانىلاردا ئالدىن ياتاق زاكاز قىلىش، زاكاز قايتۇرۇش ھەم ئالاقىدار مۇلازىمەت پائالىيەتلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ. بۇ پەقەت توردىكى ئالدىن زاكاز قىلىش سۇپىسىدا شەكىللەنگەن تۇراقلىق ياكى تارقاق خېرىدارلارنىڭ زاكازىغا قارىتىلغان بولۇپ، كوللېكتىپ زاكاز قىلىش، تور سىرتىدا تېلېفون ئارقىلىق زاكاز قىلىش، ساياھەت كوپىراتىپى ئارقىلىق ئالدىن زاكاز قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، سەنيا شەھىرى «12345 زاكاز قايتۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسى»نى ئېچىپ، ئەرزنى 24 سائەت قوبۇل قىلىپ، 48 سائەت ئىچىدە بېجىرىپ تۈگىتىشنى يولغا قويىدۇ. «سەنيادا خاتىرجەم ساياھەت قىلىش» سۇپىسى بۇ خىلدىكى زاكاز قايتۇرۇش ئەرزىنى ئالدى بىلەن تۆلەم بېرىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، ئاندىن جاۋابكار تەرەپتىن تۆلەم ئالىدۇ.

 «央视新闻» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.