تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

خوتەندىكى يوتقان قەدىمىي شەھىرى يىپيېڭى ھالەتتە ئېچىۋېتىلدى، ئىشىك بېلىتى ۋاقىت بۆلىكى بويىچە ئايرىلدى، كۈندۈزلۈك ۋە كېچىلىك بېلەتنىڭ باھاسى ئوخشاش ئەمەس

     شىنجاڭ خوتەندىكى مەدەنىيەت-ساياھەت يېڭى يەر بەلگىسى​−يوتقان قەدىمىي شەھىرى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى داغدۇغىلىق ئېچىۋېتىلدى ھەم مەدەنىيەتنى ھېس قىلىشنىڭ يىپيېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى.

    مەنزىرە رايونىدا ۋاقىت بۆلىكى بويىچە ئىشىك بېلىتى سېتىش تۈزۈمى قوللىنىلدى: ساياھەتچىلەر سائەت 19:00دىن بۇرۇن يوتقان قەدىمىي شەھىرىگە كىرسە 68 يۈەنلىك ئىشىك بېلىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، سائەت 19:00دىن كېيىن ئىشىك بېلىتى 138 يۈەنگە تەڭشىلىدۇ، بۇنىڭدا ساياھەتچىلەرنىڭ كۈندۈزلۈك ياكى كېچىلىك ساياھەت تاللىشىنى موللاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

     يوتقان قەدىمىي شەھىرى ئەمەلىي كۆرۈنۈشلۈك ئويۇن، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى، باش تېمىلىق نۇر بىلەن تەسۋىر چۈشۈرۈش كۆرگەزمىسى قاتارلىق كۆپ خىللىققا ئىگە كەسىپ ھالىتى ئارقىلىق قەدىمىي يىپەك يولىدىكى سودا گۈللەنگەن مەنزىرىنى قايتا نامايان قىلىدۇ، ساياھەتچىلەر يوتقان قەدىمىي شەھىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىشقا چۆكۈش شەكلىدە قاتنىشىدۇ ھەم تەسىراتلىرىنى ھەمبەھرىلەيدۇ.

    مۇخبىرلار: دوۋ شىڭجۈن، پەرىزات ئابدۇل

    ماتېرىيال مەنبەسى: نۇردىن ئېلى

    نازارەتچىلەر: ماۋ مىڭدۇڭ، چېن فېڭ

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.