تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
3-ئاينىڭ 5-كۈنى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى خېبېي-بايىنغولىن ئوبلاستى ئېكولوگىيەلىك كەسىپلەر باغچە رايونىغا جايلاشقان بايىنغولىن ئوبلاستى خۇڭشېڭ يېڭى ئېنېرگىيە پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يورۇقلۇق ۋولت تۈرىنىڭ 2-قارارلىق ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشتىن بۇرۇنقى ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش ۋە تەڭشەش خىزمىتى بىلەن ئالدىراش ئىدى. 2-قارارلىق تۈر بۇ يىل 4-ئاينىڭ بېشىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن شىركەتنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 700 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ لىخۇا فوتوسى



