3-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۇيشىگوۋ بازىرى دامياۋ كەنتىدىكى كېچۇاڭ تيەندا ئاقىل يېزا ئىگىلىك بازىسىنىڭ تېرىقچىلىق پارنىكىدا، بۇ بازىنىڭ مەسئۇلى خاۋ باۋجيەن ھاۋا مەنبەلىك ئىسسىقلىق پومپا سىستېمىسىنى تەڭشەۋاتاتتى. سىستېما كۈندۈزى پارنىك ئىچىدىكى ھاۋادىكى ئىسسىقلىقنى يەر ئىسسىقلىقى سىستېمىسىغا يەتكۈزۈپ، تۇپراقنى ئىسسىتىدۇ، كەچتە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بەلگىلەنگەن تېمپېراتۇرىدىن تۆۋەن بولغاندا، سىستېما تۇپراقتىن ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىپ ھاۋانى ئىسسىتىدۇ، كېچە-كۈندۈز تەكرار ئايلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى ناھىيەسى پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچ قوشۇشى بىلەن يېزا ئىگىلىك مەشغۇلاتىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ۋە ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

بازىدا ئۆستۈرۈلگەن شوخلىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.

كېچۇاڭ تيەندا ئاقىل يېزا ئىگىلىك بازىسىنىڭ تېرىقچىلىق پارنىكىدا، دېھقان سۈنئىي چاڭلاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى