− رەئىس شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، پۈتۈن ئارمىيەنى يۈكسەك جەڭگىۋارلىق بىلەن باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى مېي شىشيۇڭ، مېي چاڭۋېي، لى بىڭشۈەن
3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى بۇ، كومىتېتلار، ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە قوماندانلىق مەركىزىدە، ھەرقايسى ئۇرۇش رايونلىرى، ھەرقايسى ئارمىيە قىسىم تۈرلىرىدە، ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمدا، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئارمىيە ۋەكىللىرى، ئەزالىرى تۇرۇشلۇق جايدا كۆپچىلىك بىرىنچى ۋاقىتتا ئۆگىنىپ، مۇزاكىرە قىلىپ، بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە شى جۇشىنىڭ ئىرادىسى، مەقسىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى قەرەلىدە تاماملاپ، يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىمىز.
«شى جۇشىنىڭ مۇھىم سۆزى يىرىك پىلان قۇرۇلۇشىدا ياخشى ئىگىلەشكە تېگىشلىك مۇھىم مۇناسىۋەت، ئەمەلىي يول ۋە تۈپ تەلەپنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان مۇھىم باسقۇچتا، پۈتۈن ئارمىيەگە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىلمىي كۆرسەتمە بەردى.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شېن فاڭۋۇ مۇنداق دېدى: «ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلان خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى ئىلھاملاندىم، ئىشەنچكە تولدۇم، شۇنىڭ بىلەن بىللە مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتتە، بىز يىرىك پىلاننى ئىجرا قىلىش ئومۇملۇقىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە دەل جايىدا تەڭشەش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يولۇققان تۈرلۈك زىددىيەت، مەسىلىلەرنى ھەرىكەت ھالىتىدە ياخشى ھەل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى باشتىن - ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشتىكى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان جەڭگىۋار كۈچنى قەرەلىدە بەرپا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز».
«شى جۇشىنىڭ مۇھىم سۆزىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاشنى چۆرىدەپ ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ بىزنىڭ ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشىمىز، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا تىرەك بولۇشىمىزنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.» قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خۇاڭفۇ خەيتاۋ مۇنداق دېدى: «جىتۇەنجۈن قىسمى ئۈچۈن ئېيتقاندا، باش قومانداننىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەربىي بۇيرۇق ۋەدىنامىسى تۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، يول خەرىتىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى قەرەلىدە تاماملىشىمىز كېرەك».
«شى جۇشى يىرىك پىلان قۇرۇلۇشىدا خىراجەت ئىشلىتىشنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسى ۋە ئۈنۈم - خىراجەت نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى، بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەربىر ھېساباتنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى قىلىپ، خەجلەشكە تېگىشلىك پۇلغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، خەجلەشكە تېگىشلىك بولمىغان پۇلنى قەتئىي قىسىپ قېلىپ، يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياخشى <قىزىل باشقۇرغۇچى> ۋە ياخشى <تۆمۈر چوت> بولۇپ، ھەربىر پۇڭ پۇلنى دەل جايىغا ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك» دېدى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئارقا سەپ كاپالىتى بۇسىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى فېڭ يەن.
«ھازىر، دېڭىز ئۈستىدە ھوقۇقنى قوغداش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، رېئال خىرىس تېخىمۇ كەسكىن، بۇ، جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپىنى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىشىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى، شۇنداقلا دېڭىز ساقچىلىرى مەكتەپلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگىتىش، ئۇرۇشنى تەتقىق قىلىش ئىقتىدارىنى جەزمەن ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.» قوراللىق ساقچى قىسىمدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دۇ چاڭيۈ مۇنداق قارىدى: «ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگىتىش، ئۇرۇشنى تەتقىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى. بىز ئالماشتۇرۇش، زىيارەت قىلىپ ئۆگىنىش، بىلىم ئاشۇرۇش - تەربىيەلەش، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىش، مانېۋىر - مەشىققە قاتنىشىش سالمىقىنى زورايتىش ئارقىلىق، ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگىتىش، ئۇرۇشنى تەتقىق قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز».
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى چوڭ ئەترىتىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى ليۇ ياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان ۋەزىپە ھالىتى، تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ۋەزىپە قىيىنلىق دەرىجىسى بارلىققا كەلدى. «ئالەم بوشلۇقىدا ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇش، دائىملىق بۆلۈمچىدىن چىقىپ ھەرىكەت قىلىش ھەم نۇرغۇن مۇرەككەپ ئىلمىي تەجرىبە (سىناق) ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى.» ليۇ ياڭ مۇنداق دېدى: زىددىيەت، قىيىنچىلىققا يۈزلىنىپ، مەن ۋە سەپداشلىرىم ئىزچىل جاپالىق مەشىق قىلىپ، يەنە بىر قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا چىقىشقا تولۇق تەييارلىق قىلدۇق.
«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن يېڭى جابدۇق، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر - سەنئەت ئۇرۇش تەييارلىقى قۇرۇلۇشىدا قوللىنىلىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە مەشغۇلات ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى، مەن ۋە سەپداشلىرىم تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۈرتكىلىك كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق.» راكېتا ئارمىيەسىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سۈي داۋخۇ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە يىرىك پىلاننى ئىجرا قىلىش ئەڭ كۈچەيدىغان باسقۇچقا كەلدى، بىز ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ياساش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تېخنىكا نەتىجىلىرىدىن پائال ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئەمەلىيىتىدە جەڭگىۋار كۈچ قۇرۇلۇشىنى ۋە قوللىنىش ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىمىز».
جياڭشى تۇپرىقىدا، جياڭشى ئۆلكىلىك ھەربىي رايوندىكى كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋە خەلق ئەسكەرلىرى ئۆگىنىش، مۇزاكىرىنى تۈرلۈك شەكىلدە قانات يايدۇردى. «ئۆلكىلىك ھەربىي رايون ئارمىيە بىلەن يەرلىك ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئەۋزەل كۈچى ۋە بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.» مەلۇم ئىدارىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى جاۋ يۈتۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز ھەربىي ئىشلار ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەرلىكنىڭ قۇرۇلۇش ساھەسى بىلەن بولغان ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تۈرلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، بايلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە يولغا قويۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەپ، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ھەممىباب بايلىقىنى ئۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئەمەلىي كۈچىگە ئايلاندۇرۇشقا تېز تۈرتكە بولىمىز».
«مەن ھەربىي پاراخوتلارنىڭ چىرىشىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە يېڭى ماتېرىياللارنى قوللىنىش جەھەتتىكى پەن تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، <14 - بەش يىل> مەزگىلىدە كۆپ خىل تىپتىكى ئاساسىي ئۇرۇش ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ماتېرىيال سىستېمىسىنى لايىھەلەشكە قاتناشتىم.» دېڭىز ئارمىيەسىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ساۋ جىڭيى مۇنداق دېدى: «2022 - يىلى، بىز مەلۇم يېڭى تىپتىكى مۇداپىئە ماتېرىيالىنى تەتقىق قىلىپ ياساش جەريانىدا، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا مەدىتىنى كىرگۈزۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىش بىلەن مۇھىت قوغداپ زىياننى تۆۋەنلىتىشكە تەڭ ئېتىبار بېرىش جەھەتتىكى بوغما ھالەت مەسىلىسىنى بۇزۇپ تاشلىدۇق. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تېخنىكا ئىنكاسى قانچە سەزگۈر، ئايلاندۇرۇش زەنجىرسىمان يولى قانچە راۋان بولسا، يېڭى سۈپەتلىك جەڭگىۋار كۈچنىڭ شەكىللىنىشى شۇنچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولىدۇ».
ھازىر، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋەكىللىكىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ياخشى ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. ھاۋا ئارمىيەسىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋېن شياۋلياڭ مۇنداق قارىدى: پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆلچەمنى ھەممىبابلاشتۇرۇش يولىدا ياخشى مېڭىپ، جەڭگىۋار كۈچ قۇرۇلۇشى ۋە قوللىنىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىلغار تېخنىكىلار بويىچە سەزگۈرلۈك بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە تېز ئايلاندۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك جەڭگىۋار كۈچنى تېز راۋاجلاندۇرىمىز.
غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ياڭ گۇاڭخۇي مۇنداق قارىدى: يىرىك پىلان ئىجراسىنى باھالاشنى ياخشى قىلىشتىكى ئاچقۇچ ئەمەلىي ئۇرۇش ئىقتىدارىنى سىناشتىن ئىبارەت بۇ ھالقىنى پۇختىلاشتا. «ئۇرۇش رايونى بۇ يىللاردا بىرلەشمە مانېۋىر تەشكىللىدى، كۆپچىلىكنىڭ تەسىراتى بىرقەدەر چوڭقۇر بولغىنى شۇكى، قورال - جابدۇقلارنىڭ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان - ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى مانېۋىر مەيدانىدا، بولۇپمۇ ئېگىزلىك قاتارلىق مۇرەككەپ، ئىنتايىن ناچار مۇھىتتا ئاندىن بىلگىلى بولىدۇ، ياخشى ئىشلەتكىلى بولۇش - بولماسلىقتا، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. شى جۇشىنىڭ يوليورۇقى ۋە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىز سىستېمىغا سىڭىشىش دەرىجىسى، ئىقتىدار جەھەتتىكى تۆھپە قوشۇش نىسبىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىي ئۇرۇش خاراكتېرى، كەسىپلىشىش خاراكتېرىنى باھالاشنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇرۇش ئارقىلىق قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، باھالاش ئارقىلىق تەييارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇستەھكەملەيمىز، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز».
مەركىزىي ھەربىي كومىتېت كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن كەلگەن ۋاڭ سىۋېي مۇنداق قارىدى: بۇ يىل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدۇ، ئورۇندايدىغان تۈرلەر كۆپ، قۇرۇلۇش مۇددىتى قىس، قوڭغۇراق چېلىنىپ ئىمتىھان قەغىزىنى تاپشۇرۇش بېسىمى ناھايىتى چوڭ، قانچە مۇشۇنداق ئەھۋالدا، «لوبو تېز سېتىلغاندا لېيىنى تازىلىماسلىق»نىڭ، ھەتتا چىرىكلىك مەسىلىسى كېلىپ چىقىشنىڭ شۇنچە ئالدىنى ئېلىش كېرەك. «بىز پۈتۈن جەريانغا چىڭ قادىلىپ، باشقا نازارەت قىلىش كۈچلىرى بىلەن ماسلىشىپ، يۇغۇرما نازارەت قىلىش، بىرلەشمە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنىڭ يىرىك پىلاننى ئىجرا قىلىشقا بولغان مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرىمىز».
شىمالىي جياڭسۇ تۇپرىقىدا، 71 - جىتۇەنجۈن مەلۇم لۈيىنىڭ «پارتلىتىش قەھرىمانلار ليەنى»دىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىرىنچى ۋاقىتتا تېلېۋىزىيە، رادىيو، يېڭى تاراتقۇ قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، شى جۇشىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى ھەم «سىياسىي سادىقلىقنى مۇستەھكەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش»نى چۆرىدەپ مۇزاكىرىنى قانات يايدۇردى. دېڭىز يۈزىدىن 5400 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى قاراقۇرۇم ئېگىزلىكىدە تۇرۇپ مەشىق قىلىۋاتقان قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەلۇم قىسمىنىڭ «1 - دەرىجىلىك تۆھپىكار يىڭ»ى يىڭ، ليەنلەرنىڭ ئاساسلىق ئوفىتسېرلىرىدىن تەشكىللەنگەن نەزەرىيە تەشۋىقات ئەترىتى تەشكىللەپ، مەشىق مەيدانى، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسى، بەن، پەيلەرنىڭ ياتاقلىرىدا نەزەرىيە دەرسخانىسى تەسىس قىلىپ، ۋەزىيەت، ۋەزىپە، خىزمەت نىشانى، ئەمەلىي ئۇرۇش بويىچە ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش قاتارلىق كونكرېت ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
بۇيرۇق تاغدەك يۈكسەك، بۇرچ مۇساپىگە ئاتلىنىشقا ئۈندىمەكتە. پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: باش قومانداننىڭ يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىيەت يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)