تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«بۈگۈن كۆپچىلىك بىرلىكتە مائارىپ ئۇلۇغۋار پىلانى توغرىسىدا ئورتاق كېڭىشەيلى»

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغانلىقى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لىن خۇي، دىڭ شياۋشى

باھار كۈنلىرىدىكى ئىللىق قۇياش نۇرىدا، بېيجىڭ دوستلۇق مېھمانخانىسىدىكى لەمپىلىك راۋاقلار ھەيۋەتلىك، كۆركەم تۈسكە كىرگەنىدى.

3 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالارنى سەمىمىي يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

دوستلۇق سارىيىنىڭ 2 ـ قەۋىتىدىكى جۈيىڭ زالىدا، چىراغ نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان بولۇپ، ئاقىللار ـ ئىختىساسلىقلار جەم بولغانىدى. چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 30 مىنۇتلار ئەتراپىدا، باش شۇجى يىغىن مەيدانىغا كىردى، نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

«كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن» دېدى باش شۇجى سەمىمىيلىك بىلەن.

خېبېي قاتناش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئەزا جاڭ يۈنكەي بىرىنچى بولۇپ سۆز قىلدى، ئۇ باش شۇجىغا مۇنداق دوكلات قىلدى: ھازىر، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپى چوڭ كۆلەمدىكى يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق، لېكىن كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كارخانىلارنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى يۇقىرى ئەمەس، «ئىش ئورنى بار، ئىشلەيدىغان ئادەم يوق، ئادەم بار، ئىشلەيدىغان ئىش ئورنى يوق» بولۇشتەك زىددىيەت مەۋجۇت.

«ھازىرقى ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ بەزىلىرىدە خادىم قەھەتچىلىكى، ئىختىساسلىقلار قەھەتچىلىكى كۆرۈلۈۋاتىدۇ، بەزىلىرىدە تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ، قۇرۇلمىلىق مەسىلە.» باش شۇجى مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆنىلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي سوراپ، كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تاپىلىدى.

باش شۇجى كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا باشتىن ـ ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. بۇلتۇر، ئۇ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا ئالايىتەن مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز كەسپىي مائارىپنى ھەقىقىي ياخشى يولغا قويۇشىمىز، ھۈنەرۋەن روھىنى تىكلەپ، بىرىنچى سەپتىكى چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى تۈركۈملەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك».

«يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇشنىڭ نېگىزى مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا.» بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، باش شۇجى يەنە بىر قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: كەسپىي مائارىپنى ئالدىن ياخشى پىلانلاپ، ئىسلاھات ئارقىلىق رېئال ئېھتىياجغا ئۇيغۇنلىشىش كېرەك.

«مائارىپ مەسىلىسى ھەم ئەڭ مۇھىم چوڭ ئىش، شۇنداقلا ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىش. ھەم بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ھەم نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش ھېسابلىنىدۇ» دېدى باش شۇجى قەتئىي تەلەپپۇزدا.

كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساس مائارىپ ئوقۇش يېشىدىكى نوپۇسنىڭ كۆلىمى ۋە تارقىلىشىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. ئۇزاق مۇددەت مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان سىچۇەن ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئەزا سەي گۇاڭجيې باش شۇجىغا ئۆزىنىڭ ئوقۇش يېشىدىكى نوپۇس ئۆزگىرىشىگە پائال ئۇيغۇنلىشىش، ئاساس مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئويلىنىشىنى تونۇشتۇردى.

ئەزا سەي گۇاڭجيېنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى ناھايىتى ھاياجانلاندى. مەبلەغ توپلاپ مەكتەپ قۇرۇش، يېزا ـ كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى، ئۈمىد قۇرۇلۇشى... باش شۇجى دۆلىتىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىشنى بىر ـ بىرلەپ ساناپ بەردى.

باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئاساس مائارىپ، ئالىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسى بىلەن جەمئىيەت سېلىنمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ مۇۋاپىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

كىتاب ئوقۇپ مول بىلىم توپلىغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ. مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، بۇلارنىڭ ھەممىسى كىتاب ئوقۇش ئېلىپ كەلگەن مەدەنىيەت جۇغلانمىسى ۋە مەنىۋى كۈچتىن ئايرىلالمايدۇ.

فۇجيەن سىفەن داشۆنىڭ مەكتەپ مۇدىرى، ئەزا جېڭ جياجيەن سۆزىدە بىر سانلىق مەلۇماتنى تىلغا ئالدى: دۆلىتىمىزدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىتاب ئوقۇش مىقدارى 11.39 پارچە بولۇپ، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى، «كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان مەكتەپ» قۇرۇلۇشىدا گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرە نامايان بولدى.

«كىتاب ئوقۇش بىر خىل كەيپىيات.» باش شۇجى كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان ئائىلىدىن كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان مەكتەپ، كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان جەمئىيەتكىچە توختىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: رەقەملىك كىتاب ئوقۇش بىلەن ئەنئەنىۋى كىتاب ئوقۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، بالىلاردا كىچىكىدىن تارتىپلا كىتاب ئوقۇشقا ئىشتىياق باغلاش، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

سۆھبەتنىڭ تەدرىجىي چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، يىغىن مەيدانىدا كەيپىيات تېخىمۇ جانلاندى.

بۈگۈنكى دەۋردە، رەقەملىك مائارىپ ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىنى يورۇتماقتا. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا «مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈش» تۇنجى قېتىم پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا كىرگۈزۈلۈپ، «مائارىپنىڭ رەقەملىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي خەلق ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىدىغان ئۆگىنىشچان جەمئىيەت، ئۆگىنىشچان چوڭ دۆلەت قۇرۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بېيجىڭ پوچتا ـ تېلېگراف داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى، ئەزا شۈ كۇن دۆلەتنىڭ مائارىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالاقە تورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

ئەزا شۈ كۇننىڭ سۆزىدىكى باش تېمىغا يانداشتۇرۇپ، باش شۇجى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېقىنقى مەزگىلدە قىزىپ كەتكەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ مائارىپقا بولغان تەسىرى توغرىسىدا توختالدى. «بىر تەرەپتىن، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق ئوقۇتۇشقا كۈچ قوشىدىغان قورال ۋە ئۇسۇللارنى ئۆگىنىش، قوللىنىش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، مائارىپتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئېچىش، قەلبىگە مەرىپەت ئۇرۇقى چېچىشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ، بىلىش ئىقتىدارى ۋە مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ».

غەربىي شىمال داشۆسى ھاياتلىق ئىلمى ۋە تېببىي بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى، ئەزا سۈي يالى باش شۇجىغا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «يېڭى تېببىي پەن» قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

«داۋالاش ئەڭ مۇھىم بولغان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنىڭ بىرى.» باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: داۋالاش سەۋىيەسى، داۋالاش جابدۇقلىرى، ئۈسكۈنىلىرى، ماتېرىياللىرىنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىش، دوختۇرخانا قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە دۆلىتىمىز غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. «ئىلگىرى بىز ھەل قىلالمىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر ھازىر ھەل قىلىنىپلا قالماي، يەنە خەلقئارادا يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى، بەزىلىرى ھەتتا خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. بىزنىڭ ھازىر مېڭىۋاتقىنىمىز بىر توغرا يول، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك».

جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى مىللەت روھىنىڭ چوڭقۇر ئاساسى، شۇنداقلا ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش، دۆلەت مۇھەببىتىنى يېتىلدۈرۈشتىكى مۇھىم مەنبە.

بېيجىڭ شەھەرلىك 4 ـ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى، ئەزا ما جىڭلىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ياشلىرى ماددىي جەھەتتە چەت ئەلدىكى ياشلار بىلەن تەڭ تۇرالايدۇ، لېكىن ئىدىيەۋى تونۇش ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى ئىشەنچكە ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن سوتسىيالىزمنىڭ ھەقىقىي لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولالايدۇ. ئۇ باش شۇجىغا مەكتەپ دەرسلىكىگە تايىنىپ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشتىكى ئەمەلىيەت ئىزدىنىشىنى دوكلات قىلدى.

«مەكتەپ كىشى قەلبىگە ئۇرۇق چاچىدۇ.» باش شۇجى كۆپچىلىككە مۇنداق تاپىلىدى: «باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ، ھەتتا يەسلى ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، چوقۇم بالىلاردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش كېرەك».

ئالتە نەپەر ئەزانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى مۇھىم سۆز قىلدى.

«بايا بىرنەچچە ئەزانىڭ سۆزىنى ئاڭلىدىم، دىققەت مائارىپ مەسىلىسىگە مەركەزلەشتى، بۇنىڭدىن ناھايىتى ئىلھام ئالدىم. جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە ـ گۇرۇھتىكى ئەزالارنىڭ كۆپىنچىسى مائارىپ ساھەسىدە، شۇڭا بۈگۈن كۆپچىلىك بىرلىكتە مائارىپ ئۇلۇغۋار پىلانى توغرىسىدا ئورتاق كېڭىشەيلى».

قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش مائارىپتىكى تۈپ مەسىلە. باش شۇجىنىڭ سۆزى كەسكىن، جاراڭلىق ئىدى: «شۇنىسى ئېنىقكى، بىزنىڭ يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغىنىمىز ئالدى بىلەن پارتىيەگە سادىق، دۆلەتكە سادىق، خەلققە سادىق، سوتسىيالىزمغا سادىق كىشىلەر، بۇ، مائارىپتىن جەزمەن ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەخلاق تەربىيەسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق تەربىيەسىنى ئەقلىي تەربىيە، جىسمانىي تەربىيە، گۈزەللىك تەربىيەسى، ئەمگەك تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ».

«بۇ يىللاردا بىز ئەخلاق تەربىيەسىگە نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىپ، پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇشىمىز كېرەك.» باش شۇجى ئەتراپلىق پىلانلاپ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ مۇنداق دېدى: «كىچىكىدىن باشلاپ غايە تىكلەپ، ئېتىقاد، ئىشەنچنى چىڭىتقاندىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئىز باسارلىرى بار بولىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئەۋلادلىرىمىزغا تايىنىپ ئىشقا ئاشىدۇ».

يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش يىرىك پىلانى پىروگراممىسى(2024 ـ يىلىدىن 2035 ـ يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقىتىپ، مائارىپ سېلىنمىسىدىكى ئىككىنى «كۆپەيتىشكىلا بولىدۇكى، ئازايتماسلىق»، بىر «يۇقىرى بولۇش» تەلىپىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى: مالىيەنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت مائارىپ چىقىمىنى يىلمۇيىل كۆپەيتىشكىلا بولىدۇكى، ئازايتماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانى بويىچە ئوتتۇرىچە ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت مائارىپ چىقىمىنى يىلمۇيىل كۆپەيتىشكىلا بولىدۇكى، ئازايتماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەت مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتى چىقىمىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %4تىن يۇقىرى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

«بۇ، پارتىيەمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى» دېدى باش شۇجى.

بۈگۈنكى دەۋردە، پەن ـ تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپ، مائارىپ بۇ ئۈچىنى باغلايدىغان ۋاسىتە ۋە يولغا ئايلاندى.

باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: «پەن ـ تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈشنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، مائارىپنىڭ باشلامچى خاراكتېرلىك، ئۇل خاراكتېرلىك تىرەكلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش كېرەك».

ئۇلۇغۋار ئىشلاردا ئىختىساسلىقلار ئاساس؛ دەرەخ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئون يىل كېتىدۇ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن يۈز يىل كېتىدۇ.

بۇلتۇر، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىنتىزار بولۇپ كەلگەن گۈزەل ئارزۇسى، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى باشلامچى ۋەزىپە، پۇختا ئاساس، ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بولۇپ، جەزمەن بېكىتىلگەن نىشانغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك».

بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى يەنە بىر قېتىم جەڭ دۇمبىقى چېلىپ سەپەرگە ئاتلىنىشقا ئۈندىدى: « يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مائارىپنىڭ پەن ـ تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلارغا تىرەك بولۇش رولىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدىغان، ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىنى كۆرسىتىدىغان، ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى يەنىمۇ شەكىللەندۈرۈش كېرەك!»

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.