ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى، شۆھرەت زاكىر، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن تەكشۈرۈشكە قاتناشتى، چى يۈ يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى، خې جۇڭيوۋ سىرتتىن قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خەلق سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالىدا ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى داۋاملىق تەكشۈردى ھەم جۇڭگو ـ چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا ئېچىۋەتتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز تەكشۈرۈشكە قاتناشتى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن تەكشۈرۈشكە قاتناشتى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چى يۈ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى ھەمدە يىغىن كاتىبات باشقارمىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ سىرتتىن قاتناشتى.
ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتتى، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا ئىناق، تىنچ بولغان ۋەزىيەت سىجىل مۇستەھكەملەندى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتى كۈنسېرى كۈچەيدى. بىر يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ھەر ساھە زاتلار شىنجاڭغا سىجىل كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭدا نەق مەيداندا زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭدىكى يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى كەيپىياتنى تەرىپلىدى. شۇ كۈندىكى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئېچىۋېتىش پائالىيىتى يەنە نۇرغۇن جۇڭگو ـ چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، رېيتېر ئاگېنتلىقى، فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق 74 تاراتقۇدىن كەلگەن 102 مۇخبىر ئەتىگەندىلا شىنجاڭ زالىغا يىغىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆزىتىشنى ئۈمىد قىلدى.
قارالمىغا ئاساسەن، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالدى بىلەن ئىككى دوكلاتنى تەكشۈردى. ۋەكىللەرنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تاراتقۇلار سوئال سوراش ھالقىسىغا كىردى، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بەس ـ بەستە قول كۆتۈرۈپ، ئارقا ـ ئارقىدىن سوئال سورىدى.
بۇ يىل «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بۇ ھەقتە مۇنداق سوئال سورىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت قانداق قىلىپ شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىدۇ؟
ۋەكىل ما شىڭرۇي بۇ سوئالغا جاۋاب بەردى، ئۇ ئالدى بىلەن ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە، دىققىتىنى ئاغدۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن ـ ئاخىر شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا رىشتە باغلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇملۇقى يۈكسەكلىكىدىن، شىنجاڭ ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ئۆزى تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى قىلىپ بېكىتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنىڭ شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلىشىمىزگە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشىمىزغا يېتەكچىلىك قىلدى. يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئەڭ نېگىزلىك بولغىنى دەل شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شىنجاڭ ئۈچۈن كۆرسىتىپ بەرگەن داغدام يولنى بويلاپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى زىچ يېقىنلىشىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا دائىر يولغا قويۇش لايىھەسىنى مەخسۇس ئېلان قىلىپ، شىنجاڭغا دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى يۈكلەپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا مىسلىسىز زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىپ، بىزگە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن دۇنيا ئومۇمىيىتىگە قويۇپ ئويلىنىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەكلىكىنى، ئاددىي ھالدا ئىشىكنى تاقىۋېلىپ ئۆز ئىشىنى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. بۇ، بىزنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدىكى بىر مۇھىم چىقىش نۇقتىمىز.
ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك بولۇپ، تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا. بىز «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چۆرىدەپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىستېمىلىق پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەل يوشۇرۇن كۈچنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇردۇق. ما شىڭرۇي شىنجاڭنىڭ بۇ بىرقانچە يىلدىكى تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مول، تەپسىلىي ۋە ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار ۋە مىساللار ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە ئالاقىدار ساھەلەردىكى تەدبىرلەر ۋە نەتىجىلەرنى بىر ـ بىرلەپ تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىرقانچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ياخشى ئاساسنى ھازىرلىدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش مۇساپىسىدە سەپنىڭ كەينىدە قالماسلىق، سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىققا بىزنىڭ تولۇق ئىشەنچىمىز بار.
ما شىڭرۇي يەنە ھازىر شىنجاڭ خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا دۇچ كېلىۋاتقان بەزى خىرىسلار ئۈستىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق» «مىللەت» «دىن»نى دەستەك قىلىپ، پاكىتنى بۇرمىلاپ، شىنجاڭغا بوھتان چاپلاپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى يامان غەرەزدە چەكلىدى، مەقسىتى شىنجاڭنى نامرات، ئارقىدا قالغان ھالەتكە قايتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش قەدىمىگە كاشىلا قىلىش ۋە توسقۇنلۇق قىلىشتىن ئىبارەت. شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت ئەمەس، «ئىرقىي يوقىتىش» تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. مەن ھەرقايسى مۇخبىر دوستلارنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ نەق مەيداندا ئايلىنىپ بېقىشىنى، كۆرۈپ بېقىشىنى، ساختا تەشۋىقاتقا ئالدىنىپ قالماسلىقىنى، ھەقىقىي جۇڭگو شىنجاڭنى بىۋاسىتە ھېس قىلىشىنى، ئوبيېكتىپ خەۋەر قىلىشىنى كۈچلۈك مۇراجىئەت قىلىمەن.
ۋەكىل ئەركىن تۇنىياز خەلق گېزىتى مۇخبىرىنىڭ «بۇ يىل شىنجاڭنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى جەھەتتە قانداق پىلانى بار» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ باشتىن ـ ئاخىر خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ كەلدى. 2024 ـ يىلى، شىنجاڭ بويىچە %77تىن ئارتۇق مالىيە چىقىمى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە سېلىنىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان «خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىش» قەرەلىدە تاماملاندى. دىققەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى بىر تۈركۈم «خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىش» داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، «ئۈچ كاپالەت» تۆۋەن چېكى پۇختا كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتى تېخىمۇ ئاشۇرۇلىدۇ، بەخت تۇيغۇسى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىنىدۇ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ. ئەركىن تۇنىياز خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى پۇختا كاپالەتلەندۈرۈش، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇھىتنى تۈزەشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى نىشانلاپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ھەربىر تۈرلۈك ۋەدىنى پۇقرالار بىۋاسىتە كۆرەلەيدىغان، ھېس قىلالايدىغان نەتىجىگە ئايلاندۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
ياۋروپا ۋاقىت گېزىتى، مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، جۇڭگو ئەرەب سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى، مىسىر جۇڭگو ھەپتىلىك گېزىتى، جۇڭگو گېزىتى، فېڭخۇاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى، پېڭپەي خەۋەرلىرى، نۇر گېزىتى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ سوئال سوراپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش، پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتى، ئامېرىكىنىڭ چەكلىشىگە تاقابىل تۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر پائال جاۋاب بېرىپ، خىزمەت نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەت قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا قىزغىن تەكلىپ قىلدى. شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى بايان قىلغاندا، ئالاقىدار ۋەكىل مۇنداق دېدى: ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش شىنجاڭنىڭ تارىخىي بۇرچى، تېخىمۇ مۇھىمى، بۇنى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى بەلگىلىگەن، «چەكسىز گۈزەل مەنزىرە دەل شىنجاڭدا». شىنجاڭنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئالاقىدار ۋەكىل مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى پەن ـ تېخنىكا ساھەسىدىكى ئىرادىلىك زاتلارغا «دەۋەت» قىلىپ مۇنداق دېدى: «توزنىڭ شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئۇچۇشىدا ئەلۋەتتە مەنزىرە بار، بۈركۈتنىڭ غەربىي شىمالغا قىلغان سەپىرىدىمۇ ئۆزگىچە سالاپەت بار.» «جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ <مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش> سەۋەبىدىن ئامېرىكا تەرىپىدىن چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىگە قانداق قاراش كېرەك» دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، ئالاقىدار ۋەكىل كەسكىن ھالدا مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، قائىدىگە توغرا كەلمەيدۇ، قانۇن ئاساسى يوق، بىز قەتئىي قارشى تۇرىمىز! بىر قىسىم جۇڭگو كارخانىلىرى شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دېگەن يالغان ـ ياۋىداق، بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئۇزاقتىن بۇيان تارقاتقان بىر قىسىم تەشكىلات ۋە ئاپپاراتلارنى قانۇن بويىچە ئەرز قىلدى. بىز تېخىمۇ كۆپ كارخانىنىڭ قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغدىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىمىز.
«بۇلتۇر، <ئون چوڭ كەسىپ توپى> %90تىن ئارتۇق سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى تۆھپە قىلىپ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تۇنجى قېتىم 2 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولدى.» «بىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى پۇقرالار تۇرمۇشىمىزنىڭ چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.» «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيانىڭ چۆللىشىشنى تىزگىنلىشىگە جۇڭگو تەجرىبىسىنى تەقدىم قىلدى».
...
ئىككى يېرىم سائەت ئۆتۈپ كەتتى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئېچىۋېتىش پائالىيىتى ئاخىرلاشتى، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي، شىنجاڭنى يەنىمۇ چوڭقۇر خەۋەر قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن لى شيەنفا، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، سارقىت ئاقان، ۋاڭ مىڭشەن، مەمتىمىن قادىر، شۆ بىن، جىن جىجېن، باتۇ، شى گاڭ، دىلشات سايىم، گاۋ جىمىڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. جياڭ شىنجۈن، دۇ خۇڭيەن قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرى قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىگە قاراپ چىقتى. قىسمەن ۋەكىللەر سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ۋەكىللەر قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى؛ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشى يۈرۈشتۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى؛ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنى باشتىن ـ ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە باغلايدىغان ۋەكىل ئورگانغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى. بۇ قېتىمقى تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە قىزىق نۇقتا مەركەزلەشكەن، يارقىن نۇقتا گەۋدىلىك بولۇپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ، بۇ لايىھەنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمىز.