ئەڭ يېڭى
«مەملىكەت بويىچە يىللىق بايرام ھەم خاتىرە كۈنلەردە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى»
<قىسمەن پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە خاتىرە كۈنلەر>دىكى بايانلارغا ئاساسەن
3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئاياللار بايرىمىدا
ئاياللار يېرىم كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ


«8 - مارت» ئاياللار بايرىمى بولسا قىسمەن پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان بايرام
شۇڭا، ئاياللار بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش
«قانۇندا بەلگىلەنگەن يېرىم كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش كۈنى»گە تەۋە
ئۇنداق بولسا
بۇ كۈندە نورمال خىزمەت قىلىۋاتقان ئاياللارغا
ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى بارمۇ
«ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ [2000] 18-نومۇرلۇق ئالاقىسى» ھۆججىتىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، قىسمەن پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان بايرام مەزگىلىدە، جەمئىيەت ياكى ئىدارە تەشكىللىگەن تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ۋە نورمال خىزمەت قىلغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئورنى مائاشىنى بېرىشى كېرەك، لېكىن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشى بېرىلمەيدۇ.
ئەگەر بۇ بايرام دەل شەنبە، يەكشەنبە كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسا، ئىدارە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرسا، دەم ئېلىش كۈنىدىكى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشىنى قانۇن بويىچە بېرىشى كېرەك.
