ۋەكىل ئەكرەم مەمتىمىن:
كەسىپنى كۈچلەندۈرۈپ، يۇرتداشلارنىڭ ھەميېنىنى تېخىمۇ تومپايتىشىغا كۈچ قوشىمەن
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي
«ئاپئاق پاختا − <ئالتۇن مونەكچە>، بىز كېۋەز تېرىپ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۇق. قېنى دەڭە، بىز ئۆزىمىزنىڭ يېرىنى تېرىۋاتىمىز، ئۆزىمىزنىڭ پاختىمىزنى يىغىۋاتىمىز، ئۆزىمىزنىڭ پۇلىنى تېپىۋاتىمىز، بۇنىڭغا يەنە مەجبۇرلاش كېتەمدۇ؟» 2024 ـ يىلى، 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 ـ يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك، گۇرۇپپىلارنى ئېچىۋېتىش پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ تېرەكبازار يېزىسى سايمەھەللە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەكرەم مەمتىمىننىڭ ئاتالمىش شىنجاڭ «مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى» دېگەن سەپسەتىگە قارىتا بەرگەن جاۋابى پۈتۈن توردا ئالقىشقا ئېرىشتى.
بىر يىلدىن بۇيان، ئۇ ئېتىز باشلىرىغا قايتىپ كېلىپ، دىققەتنى داۋاملىق خاس كەسىپلەر تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىشلىرى ئۈچۈن پائال ئەقىل كۆرسەتتى ۋە كۈچ چىقاردى. «مەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنىنى تېخىمۇ تومپايتىشتا، جەزمەن كەسىپنى زورايتىش، كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم» دېدى ئەكرەم مەمتىمىن.
بۈگۈر ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك مۇھىت بۈگۈر ئاق ئۆرۈكىنىڭ ئېسىل سۈپىتىنى ياراتقان. ئەمما، ئەكرەم مەمتىمىن زىيارەت جەريانىدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پەقەت ئۆستۈرۈشكىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ماركا قۇرۇلۇشىغا ئۇزاق مەزگىل سەل قارىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئاق ئۆرۈكنىڭ ئىزچىل تېگىشلىك بازار قىممىتىگە ئېرىشەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بايقىدى.
ئەكرەم مەمتىمىن كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ ئاق ئۆرۈك سورتى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىلمىي ئۆستۈرۈشنى ئومۇملاشتۇرۇش، ماركېتىڭ يولىنى كېڭەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلدى. ئۇ باشلامچىلىق بىلەن بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىشقا ئاتلىنىپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يېڭى يولىنى ئاچتى.
«ئاق ئۆرۈك سېتىش تۈرىدىنلا، ھەر يىلى ئاممىنىڭ كىرىمىنى 2000 يۈەنگە يېقىن ئاشۇرغىلى بولىدۇ.» ئەكرەم مەمتىمىن مۇنداق دېدى: قىسقا سىن ئارقىلىق بۈگۈر ئاق ئۆرۈكىنى تونۇشتۇرىمىز، ئۆرۈك ئۆستۈرگۈچى دېھقانلار نەق مەيداندا ئۈزۈپ نەق مەيداندا ئەۋەتىدۇ. يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە، كورلا لىچېڭ ئايرودۇرۇمىدا ھەر كۈنى توشۇلىدىغان بۈگۈر ئاق ئۆرۈكى 50 توننىغا يېتىدۇ، ئاق ئۆرۈك كەسپى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەرەققىيات «ئالتۇن ئاچقۇچ»ى بولۇپ قالدى.
يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاش ئەكرەم مەمتىمىن ئىزچىل ئويلىنىپ كەلگەن مەسىلە. بۇلتۇر ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئائىلىسىدىكى بىر قىسىم كۆكتات ئەگمە پارنىكىنىڭ تاشلىنىپ قالغانلىقىنى، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنىڭ كەمچىل بولۇشى ھەم پەرۋىش قىلىشقا سەل قارىشى سەۋەبىدىن، كۆكتات ئەگمە پارنىكى ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بايقىدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئەكرەم مەمتىمىن «پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش + ياچېيكا يېتەكلەپ قۇرۇش» ئەندىزىسىنى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بايلىقنى بىرىكتۈرۈش، قابىللار باشقۇرۇش، يوللارنى كېڭەيتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كوللېكتىپ ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ ۋە زورايتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ پىكىر كۆپچىلىكنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشتى.
ئۇلار قىلىمىز دېگەننى قىلدى. ئەكرەم مەمتىمىننىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنت 15 كۆكتات ئەگمە پارنىكىنى يىغىۋېلىپ ھەم بىكار تۇرغان كوللېكتىپ يېرىنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆكتات ئەگمە پارنىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىنىڭ پائال تۈرتكە بولۇشى ۋە پۈتۈن كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى 1 مىليون 700 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
«كەسىپ تەرەققىياتى ئىختىساسلىقلاردىن ئايرىلالمايدۇ.» ئەكرەم مەمتىمىن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، مەن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ ۋە كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا جەلپ قىلىش ۋە قالدۇرۇپ قېلىشقا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىمەن.
[مۇخبىر خاتىرىسى]
يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن «بۇلۇت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى»نى قوشۇش
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، بىر كىچىك خاتىرە دەپتەر ئەكرەم مەمتىمىننىڭ ئايرىلماس ھەمراھىغا ئايلاندى، مەيلى قەيەرگە بارسۇن، ئۇ خاتىرە دەپتەرنى يېنىغا سېلىۋېلىپ، ئويلىغانلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرىنى ھەر ۋاقىت خاتىرىلەپ ماڭدى.
ئەكرەم مەمتىمىن ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، باغۋەنلەر بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، باغۋەنلەرنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، كۆپچىلىك بىلەن كەسىپنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى پىلانلىدى. ئۇ، خاس باغ ـ ئورمان كەسپىنىڭ شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم يول ئىكەنلىكىنى، كەسىپ رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغاندىلا، باغۋەنلەرنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر بىلەتتى.
ئۇ يەنە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ چوڭ بازارغا يۈزلەندۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەردە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئۈزۈلمەس «بۇلۇت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى»نى قوشتى.
يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا رىشتە باغلاپ، مەسئۇلىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئادا قىلدى. ئەكرەم مەمتىمىن ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش جاۋابىنى بىپايان ئېتىزغا يازدى. دەل ئۇ ئۆزى يازغاندەك: «مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش يىغىن زالىدا دوكلات بېرىش ئەمەس، بەلكى ئېتىز باشلىرىدا پاتقاق كېچىپ، تەكلىپلەرنى ئىللىقلىققا ئىگە قىلىش، نازارەتچىلىكتە خەلق تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتۇر».