مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز
شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى ھەرقايسى ساھە گۇرۇپپىلىرى بويىچە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن گۇرۇپپىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.
ئەزا نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: دوكلاتقا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى باشتىن ـ ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپتۇ، تەپسىلىي، ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتى ئىزاھلىنىپتۇ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق «ئىككىنى قوغداش» ئەمەلدە كۆرسىتىلىپتۇ، باشتىن ـ ئاخىر سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق نامايان قىلىنىپتۇ، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا تولۇپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئۆتكەن بىر يىلدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش سىياسىي يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كەم ـ كوتسىز قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈردى؛ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىپ مۇھاكىمە قىلىشنى پۇختا تۇتۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مۇلازىمەت قىلىشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى؛ ئىتتىپاقلىق، بىرلەشمە دوستلۇق ئۈنۈمى ياخشى بولدى، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئەڭ چوڭ «مەركەزداش چەمبەر»نى سىزىپ چىقتى؛ توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە يېڭى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىزچىل تۈردە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى تىرىشىپ ئادا قىلىپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قىلچە بوشاشماي تۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قەلبلەرنى مۇجەسسەملىشىمىز، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشىمىز، ئەقىل ـ پاراسەتنى مۇجەسسەملىشىمىز، كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.
«دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە تەكلىپ خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ باش تېمىسى روشەن، پىكىر يولى ئېنىق، تەدبىرلىرى كۈچلۈك بولۇپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرى ۋە ئەمەلىي ئىشلەش مەسئۇلىيەتچانلىقى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ.» ئەزا ليۇ تاۋ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن 3 ـ سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى ساھەسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي ئورتاق تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز.
«دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، بۇلتۇر تۈرلۈك كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا 1227 ئادەم قېتىم قاتناشتى، دەپ كۆرسىتىلدى. مەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە ئەگىشىپ شىنجاڭدا تۆت قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مول ھاسىلاتقا ئېرىشتىم.» ئەزا غەنىزات توختى مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، تېخىمۇ كۆپ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن ھەقىقىي تەكلىپ بېرىشىنى، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
«سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلاتتا نۇقتىلىق تەكلىپ ۋە نۇقتىلىق بولمىغان تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش تىلغا ئېلىنىپتۇ، مەن بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم.» ئەزا ما خۇادۇڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر مەن تاپشۇرغان تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب قايتۇرۇلدى. بۇ يىل «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، مەسئۇلىيەتنى يۇقىرى سۈپەتتە ئادا قىلىش ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش ئەزاسىنىڭ دەۋر قىياپىتىنى نامايان قىلىمەن.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن ليۇ ۋەنلۇڭ، ئېلزات ئەخمەتجان، قادىلبېك قامزا، جارۇللا ھېسامىدىن، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، ليۇ جيەنمىڭ، خالمۇرات ئابدۇراخمان قاتارلىقلار ھەرقايسى گۇرۇپپىلاردا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.