تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى

ما شىڭرۇي، شۆھرەت زاكىر، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن قاراپ چىقىشقا قاتناشتى، ساۋ شۇمىن يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى، خې جۇڭيوۋ سىرتتىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ما شىڭرۇي، شۆھرەت زاكىر، ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن قاراپ چىقىشقا قاتناشتى، زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، دۆلەت رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ساۋ شۇمىن، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ۋە يىغىن كاتىبات باشقارمىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ سىرتتىن قاتناشتى.

ۋەكىل ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. دوكلاتقا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشى، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشى باشتىن ـ ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپتۇ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يىراقنى كۆزلەپ ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بىر قاتار كۆپەيمە سىياسەتلەرنى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش رولىنى مەھكەم تۇتۇپ، تولۇپ تاشقان قۇۋۋەت قوشۇش ئۈچۈن، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەمدىكى ئىقتىسادىي گەۋدىگە يېتەكچىلىك قىلىش، خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى سىياسىي ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە يۈكسەك ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. بۇ نەتىجىلەر شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان تۈپ كاپالەت ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

ۋەكىل شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. دوكلاتتا نەتىجىلەر ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا خۇلاسىلىنىپتۇ، خىزمەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىشى ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇپ، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكلەشچانلىققا، قاراتمىلىققا ۋە ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە ئىكەن. بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سالماقلىق بىلەن ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئىرادىمىز ۋە غەيرىتىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بېكىتىلگەن نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ «مۇقىم بولۇش» ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، «ئىلگىرىلەش» قۇۋۋىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، «يېڭى بولۇش» سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئاكتىپ شارائىت ۋە پايدىلىق ئامىللار يارىتىلدى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكلىگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، «15 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى پۇختا، ياخشى تۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ۋەكىل ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا نەتىجىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا خۇلاسىلىنىپتۇ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان ۋەزىپىلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، خەلق ئۈچۈن بېرىلگەن ۋەدە كەسكىن ـ جاراڭلىق بوپتۇ، تامامەن ھىمايە قىلىمەن ۋە قۇۋۋەتلەيمەن. ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن ـ تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى سىجىل كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىدى. پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىستىن قورقماي، تىرىشىپ دۆلەتكە مۇلازىمەت قىلىش، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، بىخەتەر تەرەققىي قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشىمىز كېرەك.

ۋەكىل زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى پارلاق دېگەن نۇقتىئىنەزەر ياڭرىتىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى نامايان قىلىنىپتۇ، بۇ، كىشىنى ناھايىتى ئىلھاملاندۇرىدۇ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، «جۇڭگو» ناملىق غايەت زور پاراخوت دولقۇن يېرىپ مەزمۇت ئالغا ئىلگىرىلەپ، «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتتى. باش شۇجىنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلاندى. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان ـ ۋەزىپە، تەدبىرلەرنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلىپى بويىچە، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىشقا تىرەك بولۇش، نازارەتچىلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش، ۋەكىللەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش رولىمىزنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

ۋەكىل شەۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. دوكلاتتا سىياسىي يۈكسەكلىك يۇقىرى، نەتىجىلەر ئەمەلىي خۇلاسىلەنگەن، مەسىلىلەر دەل جايىدا تەھلىل قىلىنغان، ئۇلۇغۋار پىلان نىشانى يېڭى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى يېتەرلىك بولۇپ، كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا ئېرىشكەن نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش ئىگىلىگەنلىكى، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكلىگەنلىكى، توغرا يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى. بىز مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇشىمىز كېرەك.

ۋەكىل چېن ۋېيجۈن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، قەلب مۇجەسسەملەنگەن، كىشىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇلغان، قەلبلەرنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ ئىشەنچنى چىڭىتىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتتى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نەتىجىسى ۋە ۋەزىيىتى كۆزلىمىدىن ياخشى بولدى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشىنى دەل جايىدا چۈشىنىش، ئىگىلەشكە كۈچەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى ۋە مەسئۇلىيەت، بۇرچنى دەل جايىدا چۈشىنىش، ئىگىلەشكە كۈچەپ، نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە خىزمەت تەلىپىنى دەل جايىدا چۈشىنىش، ئىگىلەشكە كۈچەپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئومۇملىقىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك.

ۋەكىل شى گاڭ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا «مۇقىم بولۇش» ۋە «ئىلگىرىلەش»تىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىن ئۆتكەن بىر يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر يىغىنچاقلىنىپتۇ، بۇ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نۇرغۇن ساھەدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملىقىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ئېرشات تۇرسۇنباي، ئەنۋەر تۇرسۇن مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئىسلاھاتنى تۇتۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىشەنچنى چىڭىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىپتۇ، بۇ دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمىز، ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ۋەزىيىتى، ۋەزىپىلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ياڭ لىچياڭ، جاڭ شىن مۇنداق بىلدۈردى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى قەتئىي ئىرادە نامايان قىلىنىپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمىز. كارخانىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت ـ تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا ۋە يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولىمىز.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن لى شيەنفا، تيەن شياڭلى، سارقىت ئاقان، ۋاڭ مىڭشەن، مەمتىمىن قادىر، شۆ بىن، جىن جىجېن، باتۇ، دىلشات سايىم، گاۋ جىمىڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. جياڭ شىنجۈن، دۇ خۇڭيەن قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.