تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىلەر ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تۆھپە قوشۇشى كېرەك

شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىلەر ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تۆھپە قوشۇشى كېرەك

3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنى جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنى جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «14 ـ بەش يىل»لىق تەرەققىيات نىشانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىلەر ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. جياڭسۇ ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشتىكى كۈچەش نۇقتىسىنى ياخشى ئىگىلەپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىشى، چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىشى، دۆلەتنىڭ زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئالدىدا مېڭىشى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك.

جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشى ئەستايىدىل بولدى، كەيپىيات قىزغىن بولدى. جاۋ جيەنجۈن، شۈ گۇاڭخۇي، جاڭ جۈنجيې، لى شياۋنا، مياۋ خەنگېن، كې جۈن قاتارلىق ئالتە ۋەكىل يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشنى تېزلىتىش، كەسىپ پەن ـ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىش، تېببىي ئىلىم قۇرۇلۇشىنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئىناق، گۈزەل مەھەللە قۇرۇش، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئەنئەنىۋى شىچۈ تىياتىرلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىقلار توغرىسىدا سۆز قىلدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جياڭسۇنىڭ خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، جياڭسۇنىڭ ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈپ يولى. پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتۇشتا، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى كۆزلەپ، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كۆپلەپ يارىتىش، ھەم پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتۇشتا، ئەمەلىي ئىقتىسادتىن ئىبارەت بۇ نېگىزنى چىڭ ساقلاپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، كەلگۈسى كەسىپلەرنىڭ يېڭى مۇسابىقە يوللىرىنى ئېچىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتا، سۇپا قۇرۇپ، تۈزۈلمە ـ مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنى يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىقتىسادنىڭ ھەجىمى زور، ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئېھتىياجلىق. جياڭسۇ ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، ئىچكى ـ تاشقى جەھەتتە ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز تۈردە توسالغۇلارنى تۈگىتىشى، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇشى كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارانى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، رايونلارنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرلىك قورۇقچىلىقنى، بازارنى بۆلۈشۈۋېلىش ۋە «ئىچكى تالىشىش شەكلى»دىكى رىقابەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈگىتىشى كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرخىل مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇشى كېرەك. تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا كېڭەيتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىلەر دۆلەتنىڭ زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. جياڭسۇ چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشى كېرەك. بېيجىڭ ـ تيەنجىن ـ خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلەر بىلەن بولغان ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىشى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىشى، شىزاڭغا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قاتارلىق نىشانلىق يار ـ يۆلەك بولۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاش، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشىدا سۇ مەنبەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىلەرنىڭ تەرەققىياتى تېزرەك بولۇشى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە پائال ئىزدىنىپ تەجرىبە توپلىشى، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. جياڭسۇ يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ۋە شەھەر بىلەن يېزىلارنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، ئۇللۇق، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىش ۋە ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، مەنپەئەتلىنىشچانلىقىنى كۈچەيتىش جەھەتتە يەنىمۇ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. شەھەر ـ يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت تەمىناتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىلەر ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشى، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلى ۋە قائىدە ـ ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، پاك ـ دۇرۇس بولۇشتەك ئوبرازى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى.

مۇ خۇڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.